تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۈچەپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەركەزنىڭ 7 - قېتىملىق كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 21 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق خاراكتېرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلىق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا زاپىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنىڭ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.