تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 185-تۇەنى: بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى

  ئاپتور: شى شياۋكۈن

  دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەيشاخۇ كۆلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى 185-تۇەنى تەۋەلىكىدە بولۇپ، تىنچ كۆلنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ. مەنزىرە رايونىغا نەزەر سالغىنىڭىزدا، زۇمرەتتەك يالتىراپ تۇرغان بەيشاخۇ كۆلىنىڭ كۆپكۆك سۈيىگە ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەتراپىنى تۇتاش كەتكەن قۇملۇق ئوراپ تۇرغان بولۇپ، كۆل بويىدا بۈك-باراقسان ئۆسكەن ئوت ـ چۆپلەر ۋە دەل-دەرەخلەر، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر خۇددى سېھىرلىك گۈزەل مەنزىرىدەك كىشىگە كۆڭۈل ئازادىلىكى بېرىپ، سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ. 

  باش كۈزدە كۆل بويىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، قىزىل، سېرىق ئىككى خىل رەڭنى ئاساس قىلىپ تەڭشەلگەن مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم كۆرۈنىدۇ. كۆلدە يەنە شۇ جايدا ئاز ئۇچرايدىغان نېلۇپەرلەرنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ، پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەرلەرنىڭ ئۈستىگە مەرۋايىتتەك شەبنەملەر تامچىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلىدۇ.

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.