□ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ شىگشىن بازىرى كونا شەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ما جې
كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك بېيىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئۈنۈملۈك يول.
كونا شەھەر كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بىز شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چەكلىك يەرگە كۈچ چىقىرىپ، كۆك تېرەك، قىزىل ئېرەن، فاتۇڭ دەرىخى قاتارلىق ئىقتىسادىي كۆچەتلەرنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردۇق.
نۆۋەتتە، كونا شەھەر كەنتىدە كۆچەت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 3950 موغا يېتىپ، پۈتۈن كەنت يەر كۆلىمىنىڭ %48.5ىنى ئىگىلىدى، ھەر مو يەرنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشتى، ئىقتىسادىي كۆچەت ئۆستۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئاساسلىق كەسىپكە ئايلاندى.
كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كونا شەھەر كەنتى يەنە ئەسلىدىكى خاس كۆچەت ئۆستۈرۈشنى «كۆچەت ئۆستۈرۈش + ئورمان تېرىقچىلىقى» ئەندىزىسىگە كېڭەيتىپ، ئورمان ئىگىلىكىدە دەرەخ-چاتقال ئەندىزىسى، ئورمان-قۇش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئورمان- كۆكتات ئەندىزىسى، ئورمان-زەمبۇرۇغ ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆچەتچىلىكنى ھەقىقىي تۈردە كونا شەھەر كەنتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئېكولوگىيەلىك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.
(ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي رەتلىگەن)