تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل بولۇش ھەرىكىتى «تۇپراق»نى ئالتۇنغا ئايلاندۇردى

«2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكەت تۈرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولدى

يېشىل بولۇش ھەرىكىتى «تۇپراق»نى ئالتۇنغا ئايلاندۇردى

چاغانتوقاي ناھىيەسىدە تېرىلغان 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى بۇغداي پىشتى. سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كومبايىن بىلەن بۇغداي ئورۇلماقتا. □ ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۈي

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇلى 840 كىلوگىرامغا، قەشقەر ۋىلايىتىدە كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇلى 740 كىلوگىرامغا، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇلى 790 كىلوگىرامغا، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدە يازغى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇلى 708.5 كىلوگىرامغا يەتتى... كەينى - كەينىدىن يارىتىلغان يېڭى رېكورتلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولماقتا.

باش كۈز مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئالدى، بۇغداينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇلى، بىرلىك ھوسۇلى ماس قەدەمدە ئاشتى.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى − ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكىتى تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلىش ئارقىلىق، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىق مۇھىم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىپ، تەمىنات ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى مۇقىم ئاشۇردى.

نىشان بېكىتىلدى: يېشىل، تەننەرخنى تېجەيدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكىلار كېڭەيتىلىدۇ

«2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكەت تۈرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دەپ ئاتىلىدۇ)دە يېشىل، تەننەرخنى تېجەيدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكىلارنى كېڭەيتىشكە قارىتا نىشان بەلگىلەندى. ئۇنىڭ مەزمۇنى يەرنى تەكشىلەش، ئۇرۇق چېچىش، پەرۋىش قىلىش، ھوسۇل ئېلىش قاتارلىق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، يېشىل، تەننەرخنى تېجەيدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكىلارنى «پۈتۈن ھالقا» بويىچە كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ تۇپراقنى چوڭقۇر بوشىتىش، شاخ - شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، سۇ ۋە ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ماشىنا بىلەن تېرىش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇنۇپ، شۇ رايونغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئۆرنەك ئېلىشقا، كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تېخنىكا ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

«لايىھە»گە ئاساسەن، بۇ يىل ئاشلىق، پاختا قاتارلىق مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكىتى تولۇق يولغا قويۇلغان 24 ناھىيە - شەھەر بەرپا قىلىنىدۇ، ھەر بىر ناھىيە - شەھەردىكى ئاشلىق، كېۋەز بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 50 مىڭ مودىن كەم بولماسلىقى، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش كۆلىمى 200 مىڭ مودىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، تۈر يولغا قويۇلغان ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ رايون زىرائەت ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى تۈرنى يولغا قويمىغان ئەتراپتىكى رايونلارنىڭكىدىن %10تىن يۇقىرى بولۇشى، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى %10تىن يۇقىرى بولۇشى، سۇ بايلىقى، دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

بولۇپمۇ بىنەمگە تېرىش، سۇ تېجەش، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە - شەھەرلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى سۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى %5 ئۆستۈرۈش كېرەك، يەنى ئوخشاش شارائىتتا ئىشلىتىلگەن ھەر كۇب مېتىر سۇ ئارقىلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلى ياكى مەھسۇلات قىممىتى %5 كۆپەيتىلىشى كېرەك.

«لايىھە»دە بۇ يىل بىنەم يەرگە تېرىش، سۇ تېجەش، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بېكىتىلگىنى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئىككى تەۋەلىك رايونى بىلەن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئىككى تەۋەلىك رايونى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بىر تەۋەلىك رايونىدىن ئىبارەت. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئېتىز ئارىلىقىدىكى مىكرو تىپلىق سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، سۇ تېجەش، نەملىك ساقلاش، تېرىقچىلىق قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك تېخنىكا - تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان بۇغداي سورتىنى كېڭەيتىش، سۇ ساقلاش دورىسى ئارىلاشتۇرۇپ زىرائەت تۈۋىگە ئوغۇت بېرىش، ئورگانىك ئوغۇت بېرىشنى كۆپەيتىش، «بىرنى پۈركۈش، ئۈچنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تېخنىكىسى مەركەزلىك كېڭەيتىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ تېمىتىپ سۇغىرىش ئىقتىدارى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

تەدبىر كېڭەيتىلدى: ئاشلىق، پاختا بازىسى قۇرۇلۇشى پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئالغا سىلجىتىلىدۇ

«لايىھە»دە، ئاشلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشتا پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئالغا سىلجىتىش يولغا قويۇلىدۇ دەپ بېكىتىلدى. تۈر يولغا قويۇلىدىغان رايونلار بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىق ئۈچ خىلدىكى مۇھىم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى رايونلىرىغا ئاساسەن ئايرىلغان بولۇپ، تۈرلەرنى يولغا قويىدىغان ناھىيە - شەھەرلەر ئايرىم - ئايرىم بېكىتىلدى.

بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش بويىچە يېشىل بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكەت تۈرى توققۇزتارا، دۆربىلجىن، يەكەن، قەشقەر كونا شەھەر، لوپ، گۇچۇڭ، ئۇچتۇرپاندىن ئىبارەت يەتتە ناھىيەنى قاپلايدۇ؛ كۆممىقوناق تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش بويىچە يېشىل بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكەت تۈرى توققۇزتارا، چۆچەك، بۇرۇلتوقاي، باي، گۇما، چىرادىن ئىبارەت ئالتە ناھىيە - شەھەرنى قاپلىدى؛ كېۋەز تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش بويىچە يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت تۈرى جىڭ، لوپنۇر، ئاۋات، شايار، مارالبېشى، مەكىتتىن ئىبارەت ئالتە ناھىيەنى قاپلايدۇ. ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىپ مەبلەغ مەدىتى بېرىلىدۇ.

كەڭ دېھقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «لايىھە»نىڭ تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك يېشىل تېخنىكىلارنى، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېخنىكىلىرىنى پائال ئىشلىتىشنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

بۇغداي تېرىش، ئىشلەپچىقىرىشتا، «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەر تۈزلەش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، ھوسۇل يىغىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى چۆرىدەپ، «پۈتۈن ھالقا»دا يېشىل، تەننەرخ تېجەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پىشقان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەلا سورتلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيە شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان «ئەڭ مۇۋاپىق» دورا - ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى، «ئەڭ تېجەشلىك» ئەمگەك كۈچى سېلىنمىسى، «ئەڭ چوڭ» ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم، «ئەڭ ئەلا» مۇلازىمەت باشقۇرۇشنى توپلاشتۇرۇش كېرەك.

كۆممىقوناق تېرىش، ئىشلەپچىقىرىشتا، «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تېرىش زىچلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، زىچلىققا چىداملىق سورتلارنى تېرىشقا، كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى تەكشى تېرىشقا، يىرىك ئوغۇتلاشنى رېتسېپلىق ئوغۇتلاشقا، ئادەم كۈچى بىلەن تېرىشنى ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتقا، بالدۇر يىغىۋېلىشنى مۇۋاپىق پەيتتە كېيىن يىغىشقا ئۆزگەرتىش؛ شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، تېرىشتىن بۇرۇن چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ زىيىنىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ «يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى + باقمىچىلىق كارخانىلىرى» «تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قاتارلىق تىجارەت ئەندىزىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مۇقىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

كېۋەز تېرىش، ئىشلەپچىقىرىشتا، «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەزلىك قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، كېۋەزنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەملەشكەن ماشىنىدا پاختا يىغىش تېخنىكا ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئەلا سورت، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، سۇ - ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئىلمىي تەڭشەش - تىزگىنلەش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش قاتارلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى «پۈتۈن ھالقا»لىق يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى بىرىكتۈرۈپ يۈرۈشلەشتۈرۈش، توپلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇش؛ كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىۋېلىش قاتارلىق «پۈتۈن جەريان»لىق ماشىنىلاشقان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

كۆلەم كېڭەيتىلدى: ئۈچ خىل زىرائەت تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاشلىق، پاختا قاتارلىق مۇھىم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، «لايىھە»دە بۇ يىل كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، قىزىلچىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى دېھقانچىلىق زىرائىتى تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

خوتەن شەھىرى يېشىل ئۆلچەملەشكەن كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى قۇرۇلۇش رايونلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەلا سۈپەتلىك، مول ھوسۇللۇق كۆكتات سورتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ھالقىلاردىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەرنى بىرىكتۈرۈپ ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بىر خىل كۆكتاتنىڭ سورتى، تېخنىكىسى، باشقۇرۇشى، ئۆلچىمى، ئەندىزىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، «سۇنى تىزگىنلەش، ئوغۇتنى تېجەش، دورىنى ئازايتىش، يوپۇقنى تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ماشىنىدا يېنىك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېشىل كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

پەيزاۋات ناھىيەسى قوغۇن - تاۋۇزنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈر قۇرۇلۇش رايونلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قوغۇن - تاۋۇز تېرىش شەكلى، سورت تاللاش، ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، سۇ - ئوغۇتنى باشقۇرۇش، سۈپەتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى چۆرىدەپ ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى سورتلارنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە قوللىنىپ، ئورگانىك ئوغۇتنى خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش، بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى خىمىيەلىك ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ ئورنىغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قوغۇن - تاۋۇز سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

قىزىلچىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈر قۇرۇلۇشى رايونى قىلىپ بېكىتىلگىنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەلا سورتلارنى كىرگۈزۈشتە، شۇ جاينىڭ كىلىماتى، جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا ماس كېلىدىغان، شېكەر تەركىبى يۇقىرى، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا ماس كېلىدىغان بىردىن ئىككى خىلغىچە قىزىلچا سورتىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. سولياۋ يوپۇق يېپىش ۋە سولياۋ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. يىغىۋېلىش ھالقىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان قىزىلچىنى پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، قىزىلچىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى ۋە قەنت تەركىبى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شېكەر ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.