تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتەيلى ۋە مۇكەممەللەشتۈرەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى.» مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جەزمەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز ئىجادىي ھالدا ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئېچىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى دەۋرنى ئاچتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ؛ بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەھكەم چىڭ تۇرساقلا، ھېچقانداق ئادەم، ھېچقانداق سىياسىي كۈچ بىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمىزگە بۆلگۈنچىلىك سالالمايدۇ، بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمىز، بىرلىكىمىز سىياسىي جەھەتتە تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش - ياخشى ئىشلىيەلمەسلىكنىڭ ئەڭ تۈپ ئاساسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىي كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقىدا. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئۆگىنىشنى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي ھالدا ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر خىزمىتى ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى ئادەمدە. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا پوزىتسىيەسى ئالاھىدە كەسكىن، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىشتا مەيدانى ئالاھىدە روشەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە مېھىر - مۇھەببىتى ئالاھىدە سەمىمىي بولغان مىللەتلەر رايونى كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شارائىتى جاپالىق رايونلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى كادىرلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاسراپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا تولۇق ئىشىنىش، مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى ئەتراپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن، دائىم ئالاقە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىدىن كېلىدۇ. مىللەتلەر رايونلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى شۇ جاينى بېيىتىدىغان، شۇ جاينى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، شۇ جاينى خاتىرجەم قىلىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇشى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنى ئىتتىپاقلىقنى، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بايراققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئاساسىي قاتلامدا چۈشىنىدىغان ئادەم بولۇش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامدا تۇتىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم ھەر مىللەت خەلقنى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.