تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باھاردىكى ھېكايە، ئۆچمەس مۆجىزە

− ئالاھىدە رايون روھى ھەققىدە بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇن فېي

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكىتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، 1980 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شېنجېن، جۇخەي، شەنتوۋ، شيامېندىن ئىبارەت تۆت ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلدى؛ 1988 - يىلى، خەينەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىندى. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار قۇرۇلغاندىن بۇيان، تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلگەن جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى.

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىش، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەشتەك ئالاھىدە رايون روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ <بوز يەر ئاچقۇچى كالا>سى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىش − «مۈشكۈل توسالغۇلارنى بۆسۈپ يول ئېچىش»

1978 - يىلى 12 - ئايدا، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1979 - يىلى 4 - ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارغا ئېكسپورت پىششىقلاش رايونى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش تەكلىپىنى بەردى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: يەنىلا ئالاھىدە رايون دېگىنىمىز ياخشى، مەركەز سىياسەت جەھەتتە ئازراق قوللىسا بولىدۇ، ئۆزۈڭلار قىلىۋېرىڭلار، مۈشكۈل توسالغۇلارنى بۆسۈپ يول ئېچىڭلار، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.

شۇ يىلى 7 - ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن گۇاڭدۇڭ، فۇجيەندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىنىڭ «ئالاھىدە سىياسەت بېرىش، جانلىق تەدبىر قوللىنىش، بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىش»نى يولغا قويۇشىنى ھەم ئېكسپورت ئالاھىدە رايونىنى سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇشنى تەستىقلىدى. 1980 - يىلى 8 - ئايدا پارتىيە ۋە دۆلەت شېنجېن، جۇخەي، شەنتوۋ، شيامېندا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، 1988 - يىلى 4 - ئايدا يەنە خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەكلىك ۋە ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

دەسلەپكى يىللاردا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان يۈەن گېڭ 1978 - يىلى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش مۇدىرى بولغانىدى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگودىكى تۇنجى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن سانائەت باغچە رايونى − شېكوۋ سانائەت رايونى 1979 - يىلى شياڭگاڭغا يېقىن باۋئەن نەنتوۋ يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى «تۇنجى توپ ئاۋازى»نى ياڭراتتى.

«شېكوۋغا يېڭى كەلگەندە، بۇ جاي ھەقىقەتەن نامرات، قالاق ئىكەن، كەچتە ئۇخلىغاندا جەزمەن پاشىلىق ئاساتتىم، مەقسەت پاشىدىن ئەمەس، بەلكى يىلان ۋە چاشقاندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى» دېدى چىڭخۇا داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شېكوۋغا كېلىپ خىزمەت قىلغان گۇ لىجى ئەسلەپ.

ئۇ چاغدا، شېكوۋ سانائەت رايونىدىكى تۇنجى تۈر قۇرۇلۇشى شېكوۋ پورتىدا ئىش باشلانغانىدى. دەسلەپتە، ئىشچىلارنىڭ ھەربىرى ھەر كۈنى سەككىز سائەتتە ئاران 20 ئاپتوموبىلدىن 30 ئاپتوموبىلغىچە لاي توشۇيتتى، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا ئىدى. يۈەن گېڭ داش قازان تامىقىنى ئىجادىي خاراكتېردە چېقىپ تاشلاپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى: ھەر كۈنى 55 ئاپتوموبىللىق نورمىنى تاماملىسا، ھەربىر ئاپتوموبىلىغا ئىككى پۇڭ مۇكاپات بېرىلەتتى، نورمىدىن ئاشۇرسا ھەربىر ئاپتوموبىلىغا تۆت پۇڭ مۇكاپات بېرىلەتتى.

ئىشچىلارنىڭ غەيرىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئادەم ھەربىر خىزمەت كۈنىدە 80 ئاپتوموبىلدىن 90 ئاپتوموبىلغىچە لاي توشۇدى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا 131 ئاپتوموبىلغا يەتتى، ئىشچىلار مۇكاپاتى بىلەن مائاشى قوشۇلۇپ بىر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 110 يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئالالىدى، بەزىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى شېكوۋ سانائەت رايونىنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. قۇرۇلۇش مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، سۈرئەت تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

قەدەم شېكوۋ سانائەت رايونىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن باشلاندى، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى دۇنياغا كەلدى. 40 نەچچە يىلدا، شېنجېن ئارقىدا قالغان، چەت كىچىك بازاردىن تەرەققىي قىلىپ، يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1980 - يىلىدىكى 270 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ، 2020 - يىلىدىكى 2 تىرىليون 770 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بېيجىڭ، شاڭخەينىڭلا كەينىگە تىزىلىپ، ئىلگىرىكى چەكسىز، غايەت زور پەرق قىلىدىغان شياڭگاڭ بىلەن تەڭلەشتى. ئەينى يىللاردىكى «شياڭگاڭغا قېچىش دولقۇنى» بىلەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، بارغانسېرى كۆپ شياڭگاڭلىقلار بۈگۈنكى كۈندە شېنجېندا ئىگىلىك تىكلەپ ئولتۇراقلىشىشنى تاللايدىغان بولدى.

ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش − «تۇنجى بولۇپ قىسقۇچپاقا يېيىش»

تۇنجى بولۇپ تەڭ تەقسىماتچىلىق قىلىدىغان «داش قازان تامىقى» ئىش ھەققى تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاش، جۇڭگودا يەرنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ تۇنجى بولقا ساداسىنى ياڭرىتىش، تۇنجى تاشقى پېرېۋوت تەڭشەش مەركىزىنى قۇرۇش ... «تۇنجى بولۇپ قىسقۇچپاقا يېيىش»كە جۈرئەت قىلىش ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولدى.

1987 - يىلى، «شېنجېن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئەل ئىچى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى. بۇ داڭلىق «18 - نومۇرلۇق ھۆججەت» جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ «پىلتە»سى بولۇپ قالدى.

«خۇاۋېينىڭ تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ سىياسىي چوڭ مۇھىتى ۋە شېنجېننىڭ ئىقتىسادىي كىچىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، ئەگەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز بولمىغان بولاتتى» دېدى خۇاۋېينىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېي.

1988 - يىلى، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت كاپىتال بازىرى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدىن تۇنجى تۈركۈمدە ياپونىيەگە ئاكسىيە كەسپى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە بارغان ئوقۇغۇچى يۈ گوگاڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. ئۇ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چەت ئەل يېزىقىدىكى 2 مىليون خەتتىن كۆپرەك ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلدى، ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق، يېڭى جۇڭگو ئاكسىيە سودا بازىرىنىڭ تۇنجى «كۆك تاشلىق كىتاب»ى − «شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ماتېرىيال توپلىمى»نى تۈزۈپ چىقتى.

1990 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرى ئالدى بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ سودا قىلىشنى باشلىدى، جۇڭگو كاپىتال بازىرى تېز تەرەققىي قىلىشنىڭ «باھارى»غا قەدەم قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا «قانات» بولدى.

دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىپ، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلەر يارىتىلدى؛ ئالاھىدە رايون پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى بانكا قۇرۇلدى؛ مالىيە - باج، باھا ئوبوروتى تۈزۈلمە - ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شيامېننىڭ بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئورغۇتۇلدى.

شەنتوۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى 1987 - يىلى يولغا قويغان «24 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىش»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندىكى شەنتوۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 24 سائەت ئاپتوماتىك مۇلازىمەت رايونى كارخانىلارنىڭ باج بېجىرىش قاتارلىق ئىشلىرىنى تولىمۇ قولايلىق بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. 1987 - يىلى، شەنتوۋغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغان شياڭگاڭلىق سودىگەر چېن شىچيەن ئورگانلارنىڭ ئىش بېجىرىشنى ئارقىغا سوزۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاھىدە رايون باشقۇرۇش كومىتېتىغا پىكىر ۋە تەكلىپ بەرگەنىدى، باشقۇرۇش كومىتېتى تېزدىن «كارخانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە 24 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىش»كە ۋەدە بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، «24 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىش» شەنتوۋنىڭ ئالتۇن خەتلىك ماركىسى بولۇپ قالدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، خەينەن ئەركىن سودا پورتى نىزامى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى ھەم يولغا قويۇلدى، 57 تۈرلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى نۇقتىلىق باغچە رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ يولغا قويۇشىغا تەڭشەلدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىش ھالىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يۈزلەنگەن خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

«ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدا ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش گېنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇتۇلدى» دېدى جۇڭگو (شېنجېن) ئۇنىۋېرسال ئېچىش - تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى گو ۋەندا.

باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش: «باھاردىكى ھېكايە»نى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىش

40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە رايوندىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەش قىلغۇچىلار بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئالاھىدە رايون روھىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىدى.

گوماۋ سارىيى، دىۋاڭ سارىيى، جىڭجى 100، پىڭئەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى... مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇشى پەن - سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي جۇڭگو چوڭ رايونىنىڭ باش ئىنژېنېرى لۇ جيەنشىن 1982 - يىلى شېنجېنغا كەلگەندىن كېيىن، يەر بەلگىسى ئەھمىيىتىگە ئىگە بۇ ئېگىز بىنالارنى سېلىشقا قاتناشتى. ئۇ ئۈچ كۈندە بىر قەۋەت بىنا سېلىشتەك «شېنجېن سۈرئىتى»گە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولدى ھەم ئەترىتىنى باشلاپ، جۇڭگونىڭ ئالاھىدە ئېگىز قەۋەتتە پولات قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكىسىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، «جۇڭگو بىنا شاھى» دەپ ئاتالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت ئۆلچەم كۆرسەتكۈچى»دىن ئىبارەت شەھەر قۇرۇلۇشى نىشانىغا قاراپ، شېنجېندىكى «بوز يەر ئاچقۇچى كالا»لار «شېنجېن ھارارىتى»نى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا. «كارخانىلار تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور مىقداردىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، مەسىلەن، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كاپالەت ئۆيى قاتارلىق قۇراشتۇرما ئىمارەتلەر ھەمدە شەھەر يېشىل يولى، كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىقلار» دېدى لۇ جيەنشىن.

ئالاھىدە رايون قۇرغۇچىلىرىنىڭ باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى ئۆزگەرمىدى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا ئىنتىلىش نىشانى ئۆزگەرمىدى.

«نەچچە ئون يىلدا پەقەت شەھەر سېپىلىدىكى بىرلا يوچۇققا قاراپ ئاتاكىغا ئۆتتۇق.» رېن جېڭفېي خۇاۋېينىڭ تەرەققىياتى، زورىيىش يولىنى مۇشۇنداق يەكۈنلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خۇاۋېي 320 مىليارد 400 مىليون يۈەن سېتىش كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇردى، ساپ پايدا نىسبىتى %9.8 بولدى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، چەكسىز دېڭىز بىپايان ئېتىزغا ئايلاندى.

«ئالاھىدە رايون ئىچىدىكى ئالاھىدە رايون» − چيەنخەي شېنجېن − شياڭگاڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ھەمكارلىق رايونىدا، 333 كونا كونتېينېردىن قۇراشتۇرۇلغان ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش توپى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ چيەنخەي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى. كارخانىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، چيەنخەي باشقۇرۇش ئىدارىسى چيەنخەي قۇرۇلۇش ئورنىغا تولۇق كۆچۈپ بېرىشنى قارار قىلىپ، كونتېينېر بىلەن ئىش بېجىرىش ئورنى قۇردى.

دەل غايىگە بولغان بوشاشماي ئىنتىلىشكە تايىنىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى باشتىن - ئاخىر داۋاملاشتۇرغانلىقتىن، چيەنخەي شېنجېن − شياڭگاڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ھەمكارلىق رايونى 2010 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 645 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە 65 تۈرنى كۆپەيتتى، كېڭەيتتى.

«بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلى مەڭگۈ ساقلىنىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ «باھاردىكى ھېكايە» − ئالاھىدە رايون روھى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىلماقتا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىسلاھاتچىلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.