تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن جيا پېڭ، ۋاڭ جەنرېن، چېن لېي، قايرات، دىڭ شوۋچىڭ، دۇەن لياڭ، پەرھات جالال ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە مەيدان لېكسىيە دوكلاتى سۆزلىدى، بۇ دوكلاتلار سىنغا ئېلىنىپ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»نىڭ شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدا كۆرسىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، سۆزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى «توققۇز جەزمەن» ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ياشلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى قاتارلىقلارنى سىستېملىق شەرھلىدى.

يۈرۈشلۈك لېكسىيە دوكلاتلىرىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئىگىلىشىمىز تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئامىنە ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: لېكسىيە دوكلاتلىرىدا ھەم نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش، ھەم جانلىق مىساللار بار ئىكەن، ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى زور ئىلھام ئالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ساۋ جى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تەنتەربىيە شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شياۋرۇڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى شەخسىي غايىسى، ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىگە يۈز كېلىپ، تىرىشىپ ۋەتەن قۇرۇلۇشىنىڭ ياراملىق ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋەكىللىرى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلار ۋەكىللىرى قاتارلىق 700گە يېقىن كىشى يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.