تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئىخلىمە قاسىم بىرىنچى ۋاقىتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەمەلىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يەكۈنى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. تەشۋىقات كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى خېرىدار چاقىرىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى گۈلبەرچىن قۇسايىن مۇنداق دېدى: بىز مەۋقەنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سىناق رايونىنى ئىقتىساد گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، قوشنىلار دوستانە ئۆتىدىغان، ئېچىۋېتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان «يىپەك يولى يېڭى شەھەرچىسى» ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆزنەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: سانجى ئوبلاستى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات شارائىتى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك قاتارلىق ئەمەلىيەتلەرگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، يېشىل تەرەققىي قىلىش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇننى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەكىلنى بېيىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش كېرەك. جىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بۇلغۇن مۇنداق دېدى: «بىز باشتىن - ئاخىر تىپ يېتىشتۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىمىز ھەم <كىچىك سۈرەتلەرنى توپلاش، كىچىك ھېكايىلەرنى تەھرىرلەش، كىچىك تىپلارنى تېپىش، كىچىك سەھنە قۇرۇش، قىسقا ناخشىلارنى ئېيتىش، كىچىك نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەش> ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى <مىكرو ھەرىكىتى>نى قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۇنى كادىرلار تەربىيەسى، پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى، دۆلەت پۇقراسى تەربىيەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت تەشۋىق - تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خوشۇت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چىمەنگۈل ئابلىمىت مۇنداق بىلدۈردى: خوشۇت ناھىيەسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شەكلى خىلمۇخىل بولغان ئۆگىنىش تەربىيەلەش ۋە تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىڭچۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ ئادۋوكات، گۇۋاھلىق بېرىش، قانۇن ياردىمى، ئەدلىيەلىك باھالاش، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى، خەلق مۇرەسسەسى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقلىرىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىگە بولغان يېڭى ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز.

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى، بىڭتۇەن 1 - شى 13 - تۇەن 11 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، گۈزەل يۇرتىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، رايىدە، گې يوۋجۈن، سۇڭ ياۋېن، دۇ جيەنخۇي، ۋاڭ نا، مېھرىگۈل غوپۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.