تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىتتىپاقلىق گۈللىرى تىيانشاندا پورەكلەپ ئېچىلدى

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە مەھەللە ئاھالىلىرى خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولدى. شۇ كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، تېببىي دورا شىركىتى، شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى ئۈرۈمچى غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى «قولۇم - قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. □ ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

«تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش.» بۇ ناخشا تېكىستى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا قاراپ ماڭدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

«كېچىڭىز كەنتىگە قايتمىغىلى ئۈچ ئاي بولدى، بوش ۋاقىتلاردا دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن. شۇ تاپتا كەنتتىكى يەرلىك شاپتۇللارنى سېغىندىم، ئۇ يەردىكى 4000 يۇرتداشنى تېخىمۇ سېغىندىم.» 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتە، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاۋ شياڭلى ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىدى.

كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەنتتىكى تۇغقانلىرىنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇردى. 2018 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى بولدى.

كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە، شاۋ شياڭلى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئوقۇشقا ياردەم بەردى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بەردى - يۆلىدى ھەم مەبلەغ قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت يوللىرىنى رېمونت قىلىش، قاتتىقلاشتۇرۇش، كەسىپ تۈرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لېتىپجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: «شاۋ شۇجىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە قىلغان ياردىمى بەك كۆپ. كەنت ئاھالىسى گۇمانلىق، داۋالاش قىيىن، مۇرەككەپ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئۇ بېيجىڭغا ئاپىرىپ داۋالاتتى؛ نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ دائىم بېرىپ ياردەم قىلدى؛ كەنتتىكى بالىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە، ئۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى».

2014 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇدا سەككىز يىل «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن 12 مىڭ خىزمەت ئەترىتى، 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار يېزا - كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكتى، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى.

مۇشۇ ئاساستا، 2016 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن «بىرگە بىر» قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، قەرەللىك بېرىش - كېلىش قىلىپ، يوقلىشىپ، سەمىمىيلىك بىلەن نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، سىياسەت، قانۇنلارنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشنىڭ يېڭى تۇتقىسىنى تېپىپ چىقتى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ تۇپراققا پۈتۈپ چىقتى.

مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە بىر مىللىيچە چالغۇ مۇزېيى بار، ئۇنىڭ ئىچىگە تىزىلغان قەدىمىي چالغۇلارنىڭ ھەممىسى 100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. قەدىمىي چالغۇلار خۇددى دانىشمەن بوۋايغا ئوخشاش ھازىرقى كىشىلەرگە يىللاردىكى مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

جاي كەنتىدە چالغۇ ياساش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەزەلدىن «جۇڭگو شىنجاڭ ئەلئارا چالغۇلارنى قولدا ياساشتىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن گۈزەل نامى بار. نۆۋەتتە پۈتۈن كەنتتە چالغۇ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، 20 خىلدىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ياسىيالايدۇ؛ 326 ئائىلىدىكى 1317 كەنت ئاھالىسى ئىچىدە 106 ئائىلىدىكى 432 كىشى چالغۇ ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ھەر كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن جاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھېيت ئىمىن چالغۇلارنى تەڭشەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، قەدىمىي لەرزان ساز ئاۋازى كەنت كوچىلىرىدا ياڭرايدۇ. چالغۇلارنى تەڭشەپ چالغاچ، ئۇ ئىختىيارسىز ناخشا ئېيتىپ كېتىدۇ: «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن...»

2017 - يىلى، جاي كەنتىگە «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» دەپ نام بېرىلدى. «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى»نى باھالاش دەل مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر.

شىنجاڭ تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مۇددەت ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان ئۆستى، بۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

ھەرقايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىر تۈركۈم سىياسىيون، ئەدىب، سەنئەتكار، تارىخشۇناس، ئاگرونۇم، تەرجىمان قاتارلىقلار بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەركىم ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش؛ گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، دۆلىتىمىزنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى قەدىرلەش. ئاپتونوم رايونىمىز پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تەرەققىيات، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا ھاللىق سەۋىيەدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

ھازىر دەل شىنمېيدىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنتىدىكى شىنمېيلىك باغدا كەنت ئاھالىسى ئەزىمەت مەمەت شىنمېي ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «سودىگەرلەر كەنتتىلا سېتىۋالىدۇ، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى ئەزىمەت تەرىنى سۈرتكەچ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئەزىمەت ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدى. «شىنمېي ئۆستۈرگەندىن بۇيان، كىرىمىمىز يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز شىنمېيغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۆينى بېزىدۇق، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ئىشلىتىپ، ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇق».

«بۇلتۇر پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 17 مىڭ 600 يۈەن بولدى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.» تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يىڭجيې مۇنداق دېدى: «ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپىيىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار ئەۋزەللىكلەرنى توغرا تېپىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتى، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى!»

تۆۋەن خادىلىق كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغانلىقىدىن بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى.

2014 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانى 11 مىليون 352 مىڭ 400 ئادەمدىن كۆپىيىپ 13 مىليون 560 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، %19.4 ئاشتى؛ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 470 مىڭ ئادەمدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 149 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %31.72 بولدى؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 818 مىڭ 200 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 1 مىليون 731 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %61.44 بولدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش بىر ئادەمگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ «باشقىسىنى دېمەيلا قويايلى، كۆز ئىپادىسىلا ئوخشىمايدۇ. ئىلگىرىكى خۇنۈك، نۇرسىز ئىپادە ھازىر ئىشەنچكە تولغان ئىپادىگە ئۆزگەردى» دېدى يەكەن بەخت باغچىسى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گۈزەلنۇر ئابلىمىت ھاياجانلانغان ھالدا.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىر نىيەتتە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.