تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك.» مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، ھازىر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ <تۇتقا>سى، بارلىق خىزمەتلەر مۇشۇنىڭغا مەركەزلىشىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، يىلتىز قاياققا سوزۇلسا، ئۇچ تەبىئىي ئەگىشىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى كۆزلەپ، مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. قارلىق ئېگىزلىكتىن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغىچە، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىن غەربىي جەنۇبتىكى چېگرا رايونلارغىچە، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنبەسى، مەنىۋى كۈچنىڭ روھى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «تۇتقا»سىنى تۇتۇشتا، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك»نىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىگە بولغان «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك روشەن ئەۋزەللىك»نى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي ھالدا ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «تۇتقا»سىنى تۇتۇشتا، جەزمەن ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش» «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» «مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» «مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئىنچىكە ئىشلىشى، پۇختا ئىشلىشى كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيەۋى قاراش، مەنىۋى قىزىقىش، تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت كەيپىياتى يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مىللەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، باراۋەر، ئادىل بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىپ، رايونلاشتۇرۇش ۋە دەل جايىدا بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايون، ئالاھىدە مەسىلە، ئالاھىدە ئىشلارغا قارىتىلغان تېخىمۇ كۆپ رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشتا، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان ئىدېئولوگىيە مەسىلىلىرىنى پائال، پۇختا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى سىجىل تازىلاپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دۆلەت ۋە رايون، خەلقئارا تەشكىلات، مەملىكەت سىرتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت خۇاچياۋ - خۇارېنلار توپى قاتارلىقلارغا ئائىت خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مۇقەررەر ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان تۈپ كاپالەت. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشتا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.