تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

باش كۈزدە قاناس بىلەن ئۇچرىشىش

9-ئاي كىردى، رەڭگارەڭ قاناس كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە نامايان بولدى، بۇ پاكىز تۇپراقتىكى كۆل سۈيى كۆك رەڭگە كىرىپ قارلىق تاغ باغرىنى قايتىدىن بېزىدى، ئالتاي تېغى ئېتىكى ماي بوياق رەسىمدىمۇ ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى...

سېرىق، يېشىل رەڭلىك ئورمانلىقنى كۈز پەسلىگىلا خاس رومانتىك مۇھەببەت شېئىرى دېيىشكە بولىدۇ.

تىپتىنچ كۆل سۈيىدە ھەيۋەتلىك مۇزلۇق ئەكس ئېتەتتى، بىپايان يايلاق قويۇق ئورمانلىقنى ئوراپ تۇراتتى. كۈز پەسلى قاناسنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى، ئەتراپ رەڭگارەڭ مەنزىرىگە تولغان بولۇپ، كىشى كۆرۈپ قانمايتتى. ئورمانلىق ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى تاغ ئارىسىدا تولغىنىپ ئاقاتتى.

كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر رەڭگارەڭ، جۇلالىق بولۇپ، كۆپكۆك كۆل سۈيىنى چۆرىدەپ، پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

كۈز پەسلىدىكى قۇم كەنتى ئاق قېيىن دەرىخى، قارلىق تاغ ۋە دەريالار بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ.

كىچىك ياغاچ ئۆيلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن گىرەلىشىپ ئۆزگىچە تۈسكە كىرىدۇ.

ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى تاغ جىلغىسىغا چېچىلغانىدى، قوي-كالىلار بەھۇزۇر ئوتلاپ يۈرەتتى، ئاتلىق چارۋىچىلار بەخىرامان كېتىۋاتاتتى، تۇمانمۇ بۇ يەردە «قەدەم»لىرىنى ئاستىلاتقاندەك كۆرۈنەتتى، ھەممە تولىمۇ يېقىشلىق ئىدى.

يىراققا نەزەر تاشلىغاندا ئالتۇن رەڭ ئەكس ئەتكەن كىچىك دەريا، ياغاچ ئۆي، مورىدىن چىقىۋاتقان ئىس، قېيىنزارلىق، شۇنداقلا قۇم كەنتىدىكى چارۋىلىرىنى بېقىپ قايتقان كىشىلەرنىڭ سىيماسى خۇددى بىر پارچە تىنچ ۋە ئاجايىپ گۈزەل ماي بوياق رەسىمدەك قەلبىڭىزنى لەرزىگە سالاتتى.

تاغ-دەريالاردىن كەنتلەرگىچە، تەبىئەتتىن ئادىمىيەتكىچە، قاناس مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى يىراق يوللارنى بېسىپ بۇ كۈز پەسلىدىكى ئۇچرىشىشقا چاقىراتتى.

ھالبۇكى، ​بۇ ئۇچرىشىشنىڭ باش پېرسوناژى دەل كۈز كېلىشى بىلەنلا رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدىغان ئورمان بولۇپ، كۈز پەسلىنىڭ رەڭ بېرىشى بىلەن، ئورمان خۇددى ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش، جىمجىتلىق ئىچىدە گۈزەل مەنزىرىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.