تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئامېرىكا «باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئامېرىكىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشى كېرەك

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى:

ئامېرىكا «باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئامېرىكىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشى كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھازىرلىقلارنى تىزگىنلەش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى فۇ سۇڭ 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بىر قېتىملىق تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا «تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»دە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋالسا، «باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى دېترىكبۇرگ بازىسى، شىمالىي كارولىنا داشۆسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشى كېرەك.

8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەيگە خەت ئەۋەتتى ھەمدە خەت بىلەن بىللە «دېترىكبۇرگ (ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تېببىي تەتقىقات ئورنى) توغرىسىدىكى گۇمانلىق نۇقتا»، «شىمالىي كارولىنا داشۆسى بارىك كوللېكتىپىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋال»دىن ئىبارەت ئىككى پارچە غەيرىي ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ بەردى.

«خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئامېرىكا خەلقى دېترىكبۇرگقا قارىتا خېلى بۇرۇنلا جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن». فۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ غەيرىي ھۆججەتلىرىدە دېترىكبۇرگ بازىسى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تېببىي تەتقىقات ئورنىغا ئائىت گۇمانلىق نۇقتىلار ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىلدى.

فۇ سۇڭ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاپپارات شىمالىي كارولىنا داشۆسى بارىك كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە: ئۇلار 2003 - يىلىلا ئېغىر جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلى (SARS)گە ئالاقىدار تاجسىمان ۋىرۇسنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشتە ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن ئىقتىدارنى ھازىرلىغان؛ بۇ ئاپپاراتتا ئىلگىرى كۆپ قېتىم بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى يۈزبەرگەن، بولۇپمۇ 2019 - يىلى 7 - ئايدا ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بۇ تەجرىبىخانىنى تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەم سىستېمىلىق ھالدا بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر قاتار ئىشلارنى ئېلان قىلغان؛ بۇ تەجرىبىخانا تاقالغاندىن كېيىن، دېترىكبۇرگ بازىسى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە نەپەس يولى كېسىلى تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ھەقىقىي كېسەللىك سەۋەبى، كونكرېت ئاغرىق مىسالى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان؛ 2020 - يىلى 3 - ئايدا، خەلق ئاممىسى ئاق ساراينىڭ مۇراجىئەت قىلىش تور بېكىتىدە مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن دېترىكبۇرگ بازىسىنىڭ ئۇچۇرىنى، بولۇپمۇ يۇقىرىدىكى تەجرىبىخانىنى تاقىۋېتىش ۋەقەسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان، بۇ تور بېكىتى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن.

«ئامېرىكا دۇنيادىكى بىيولوگىيەنى ھەربىيلەشتۈرۈش پائالىيىتىنى ئەڭ كۆپ قانات يايدۇرغان دۆلەت، خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ بىيولوگىيەنى ھەربىيلەشتۈرۈشىگە ئائىت بارلىق پائالىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ ھەم ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدىكى دېترىكبۇرگ بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم ئامېرىكا چېگراسى سىرتىدىكى 200دىن ئارتۇق بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى فۇ سۇڭ.

فۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا جار سېلىش بىلەن بىللە، ئامېرىكا دەل ئەكسىچە كۆپ تەرەپلىك بىيولوگىيە تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشقا قارشى تۇرغان بىردىنبىر دۆلەت. 2001 - يىلىلا، خەلقئارا جەمئىيەت «بىيولوگىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» تەكشۈرۈش كېلىشىمنامىسى توغرىسىدا ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان، دەل ئامېرىكا «بىيولوگىيە ساھەسىنى تەكشۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ، تۇيۇقسىز ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ يوققا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 20 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئىزچىل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسىغا پىسەنت قىلماي، تەكشۈرۈش كېلىشىمنامىسى سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا يالغۇز قارشى تۇرۇپ كەلدى.

«ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تەجرىبىخانىسىنى تەكشۈرۈشكە بۇنچە مەپتۇن بولۇپ كېتىشى <بىيولوگىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى> تەكشۈرۈش كېلىشىمنامىسى سۆھبىتىگە قارشى تۇرۇش مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق؟» فۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: كېلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان ئەھدىنامە توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق يىغىن بىر سىنتاش ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئەھدىنامە توغرىسىدا تەكشۈرۈش كېلىشىمنامىسى سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلىدۇ.

شىمالىي كارولىنا داشۆسى توغرىسىدا، فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىزچىل ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى قانات يايدۇرغان تەتقىقات يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ بوھتان چاپلىدى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دەل پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە يولغا قويغۇچى ئەڭ چوڭ تەرەپ. بولۇپمۇ شىمالىي كارولىنا داشۆسى بارىك كوللېكتىپى بۇ تۈردىكى تەتقىقاتتا نوپۇزلۇق بولۇپ، بۇرۇنلا تاجسىمان ۋىرۇسنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشتە ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. بارىك كوللېكتىپى ھەم ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىنى تەكشۈرسىلا، تاجسىمان ۋىرۇس توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ بار - يوقلۇقى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى پەيدا قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى تامامەن ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق. مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش كەسكىن، ئىلمىي مەسىلە، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا داۋاملىق قاتنىشىدۇ. جۇڭگو − دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتىدا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان يەكۈن ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جەزمەن ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن يەر شارىدىكى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىمۇ پەقەت مۇشۇ ئاساستا قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك.

«جۇڭگوغا قارا چاپلاش بىلەن ئامېرىكىنى ئاقلىغىلى بولمايدۇ. بىز ئامېرىكىنى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمىز. ئەگەر ئامېرىكا <تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى>دە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋالسا، <باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ>، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى دېترىكبۇرگ بازىسى، شىمالىي كارولىنا داشۆسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشى كېرەك» دېدى فۇ سۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.