تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

«ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا جەزمەن ئىلىم - پەن روھىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك»

□خەلق گېزىتى مۇخبىرى يۈەن جىرۇڭ

8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى سىن يىغىنى شەكلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، مىسىر، تۇنىس، پەلەستىن، ئىراق قاتارلىق 13 ئەرەب دۆلىتىدىن كەلگەن 28 سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. ۋەكىللەر يىغىندا بەس - بەستە سۆز قىلدى، ئەسلىدىكى ئىككى سائەتلىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتى.

پەلەستىن فاتاخ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پەلەستىن داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئۇسامەي ناجار ئالدى بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، مەنبەنى ئىلمىي تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ناجار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلدى.

يەمەن − جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خۇلانى مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كەسپىي ۋەزىپىنى ئاخبارات تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆز مەقسىتىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى دەلىل - ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇپ، ئاتالمىش «تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى» ئۈچۈن «ئاساس» ئىزدەش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. خۇلانى مۇنداق قارىدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

يەمەن ئىسلاھات گۇرۇھى پارتىيەسى پارلامېنت پارتىيە ئۆمىكىنىڭ رەئىسى ئابدۇل رازاق مۇنداق بىلدۈردى: يەمەن جۇڭگونىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى قوللايدۇ، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

«ئامېرىكا يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەمما ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالدى، بۇ تامامەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى، مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشلا توغرا ئۇسۇل.» سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيەسى مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزاسى مەھدى داھالە ئالاخ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يەر شارىۋى يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم تۆھپىكارى، جۇڭگونىڭ سۇرىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق فىرونتى پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى باتىس برۇزنى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەمىز ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا باشتىن - ئاخىر قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، «ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا جەزمەن ئىلىم - پەن روھىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ قارايدۇ. ئالجىرىيە ئىززەت - ھۆرمەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد داۋى مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا «جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش» شەكلى بىلەن جۇڭگوغا قارا چاپلىدى، ئاتالمىش ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.

مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى سالاخ سەرۋى مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى ئۆز مەنپەئىتىگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، بۇ قىلمىش ئىلىم - پەن روھىغا خىلاپ، بۇ خىل سىياسىي سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ.

ئىيوردانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش شۇجىسى نىدلېر مۇدىيا مۇنداق بىلدۈردى: «ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ، قەستەن توسالغۇ پەيدا قىلغانلىق».

«يۇقۇمغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش، مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈشلا توغرا يول، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى ماۋرىتانىيە جۇمھۇرىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يەھيا ئەھمەد ۋاجىف.

(8 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.