تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

روھىي ماھىيەتنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

ئۈرۈمچى شەھىرى:

روھىي ماھىيەتنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ

7 - ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى «سۆز»نىڭ روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلىدى.

باشلامچىلار ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىنى ئۇدا ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى چۆرىدەپ، 1900 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى.

مەركەزلىك ئۆگىنىش پۇختا ئالغا سىلجىتىش

مەركەزلىك كۆرۈش، مەخسۇس تېمىدا سۆھبەتلىشىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى، ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىدىيەگە، قەلبكە سىڭىشىشىگە، چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ لېي مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىغا قاتناشقاندا مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى شەھەر باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ پېڭچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىستېمال مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش «خۇڭسەن ئاۋازى»نى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش

«مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى...» ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچىسىنىڭ چاڭشېڭشياڭ مەھەللىسىدە، ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى «خۇڭسەن ئاۋازى» لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سەييارە لېكسىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، «خۇڭسەن ئاۋازى» لېكسىيە ئۆمىكى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەھەللىلەرگە بېرىپ، «لېكسىيە + ئەدەبىيات - سەنئەت» شەكلىنى قوللىنىپ، ئۆزگىچە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ھارارەتكە تولغان، ئاممىغا ياقىدىغان لېكسىيەنى ئاممىغا يەتكۈزدى. لېكسىيە سۆزلىگۈچى جۇ جىڭ مۇنداق دېدى: بىز پۇقرالار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان شەكىلدە لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەيمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تۈرلۈك لېكسىيە ئۆمىكى، لېكسىيە ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، مەھەللە، كارخانا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول لېكسىيەنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك لېكسىيە ئۆمەكلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە 21 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.