− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.» مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي ھالدا ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنبەسى، مەنىۋى كۈچنىڭ روھى. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەنگەن. بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق پۈتكەن، بىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، بىزنىڭ ئۇلۇغ روھىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق يېتىلدۈرگەن. دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئاجايىپ ئىجادكارلىقىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. بىر بۆلەك جۇڭگو تارىخى ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ - توپلىنىپ شەكىللەندۈرگەن كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇشى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مول مىراس، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى كۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى كەڭ دائىرىدە كېڭىيىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، بىرى گۈللەنسە، باشقىلىرىمۇ گۈللىنىدۇ، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، باشقىلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى، كۈچى، ئۈمىدى.
بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىمىز، كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت غايەت زور چوڭ پاراخوتنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. شۇنى چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئىدىيە سېپىلى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئورتاق ياخشى قوغدىغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، ئاغدۇرمىچىلىقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى، ئاندىن ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئاندىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ياخشى قوغدىغىلى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا مىللەتلەر ساھەسىدە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، ئاندىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىنى مۇھىم ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى ئاڭلىق ھالدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؛ پەقەت دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئورتاقلىق ۋە پەرقلىقنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى، ئىنچىكە ئىشلىگىلى، پۇختا ئىشلىگىلى بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، توغرا بولغانلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقتى ئۆتكەنلىرىنى تەڭشەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، بىرقانچە جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەش كېرەك: ئورتاقلىق بىلەن پەرقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەرقلىققە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى سىغدۇرۇش مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بىلەن ھەرقايسى مىللەت ئېڭىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇشقا يېتەكلەش كېرەك، ئۆز مىللەت ئېڭى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا بويسۇنۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كونكرېت مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، چوڭ خەنزۇچىلىق ۋە يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا پايدىسىز؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى شاخ ۋە يوپۇرماق، يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندا، ئاندىن شاخ - يوپۇرماقلار بۈك - باراقسان ئۆسەلەيدۇ؛ ماددىي تەرەپ بىلەن مەنىۋى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس قىلىش كېرەك.
جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئاندىن ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى گۈللىرىنى ئاندىن ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)