تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سېلىنما گۇرۇھى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سېلىنما (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سېلىنما گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇشۇنىڭدىن باشلاپ دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنىڭ زامانىۋى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قاراپ مۇھىم بىر قەدەمنى باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سېلىنما گۇرۇھىنى قۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىرى، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى، شۇنداقلا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، يۇقىرى ئۆلچەمدىكى مۇھىم، زور دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش ۋە ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا پايدىلىق. شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سېلىنما گۇرۇھى «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولۇش، مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق ئايدىڭ بولۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، باشقۇرۇش ئىلمىي بولۇش»تىن ئىبارەت زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، «شىنجاڭنىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سېلىنما گۇرۇھى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى شېرىكسىز شىركەت بولۇپ، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش، مۈلۈك باشقۇرۇش، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.