تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا ماڭايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئاچقانلىقىدۇر.» مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، ھازىر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ چۈشەندۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، سىياسەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

قۇرۇلغاندىن باشلاپلا، پارتىيەمىز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز ئىجادىي ھالدا ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئورناتتى، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى دۆلەت قۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئورناتتى، ھەر مىللەت خەلق تارىختا تۇنجى قېتىم باراۋەر سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئەتكە ھەقىقىي ئېرىشىپ، ئورتاق ھالدا ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، كونا جۇڭگونىڭ مىللىي زۇلۇم، جېدەل - ماجىراغا تولغان ئازابلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى دەۋرنى ئاچتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن، سىياسىتى توغرا، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولى توغرا، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەكىتلەپ، ھەم باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئىگىلەش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى 12 جەھەتتىن مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى: جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئىگىلەش كېرەك؛ جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك؛ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك؛ جەزمەن توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك؛ جەزمەن مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ جەزمەن مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ جەزمەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى، كۈچى، ئۈمىدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان - شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.