تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكنى پۈتتى

مۇرات رۇستەم:

ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكنى پۈتتى

سىكاننېرلاپ تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەرنى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا

رەھىمسىز زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار ئالدىدا، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئېتىلدى، خىزمەتداشلىرىغا: «مەن ئالدىدا ماڭاي» دېدى.

ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق، سەلتەنەتلىك ياشلىق ناخشىسىنى پۈتتى.

ئۇ دەل ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىنقىلابىي قۇربان مۇرات رۇستەم.

ھەمىشە ئەڭ ئالدىدا ماڭدى

«20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ كۈنى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بولۇپ، ئېسىمدە ناھايىتى ئېنىق...» مۇرات رۇستەم قۇربان بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى تىلغا ئالغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پولات مەمەتنىڭ ئېسىگە ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش كېلىدۇ.

1999 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە پەۋقۇلئاددە زور قوراللىق بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق دېلوسى يۈزبېرىپ، بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، يېنىدىكى 247 مىڭ يۈەن نەق پۇل ھەم بىر پىكاپ بۇلاپ كېتىلگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بۇ دېلونى زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار سادىر قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دەرھال قابىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرغان، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى 2 - چوڭ ئەترىتى 4 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مۇرات رۇستەم مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى مەركەزلىك تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، مۇرات رۇستەم سەپداشلىرى بىلەن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئۈچ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرنى تۇتتى ۋە ئۇلار ئۆزى ياسىۋالغان بىر تاپانچا ۋە بىر خەنجەرنى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈردى. شۇ جايدا سوراق قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۆجىنگەي كوچىسىدىكى بىر تۇرالغۇغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مۇرات رۇستەم ۋە سەپداشلىرى دەرھال ئۇلارنى تۇتۇشقا ئاتلاندى.

«مۇرات بىرىنچى بولۇپ ئۆيگە ئېتىلىپ كىردى.» پولات مەمەتنىڭ ئەسلىشىچە: ئۇ يېتىپ بارغاندا، تۇيۇقسىز بىر نەچچە پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان، ئاندىن مۇرات رۇستەمنىڭ سەپداشلىرىنى ئېلىپ ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى كۆرگەن. پەلەمپەيدە مۇرات رۇستەم تام تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «ماڭا ئوق تەگكەن ئوخشايدۇ» دەپلا بەدىنى بوشىشىپ كەتكەن. ئۇ دەرھال بېرىپ يۆلەپ، ئىككى قولىنىڭ قان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

قوراللىق زوراۋان ئاتقان ئوق مۇرات رۇستەمنىڭ ئۆپكە ئارتېرىيەسىگە تەگكەن بولۇپ، قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئۇنىڭ 28 ياشلىق ھاياتى شۇ دەقىقىدە بىردىنلا توختاپ قالغان.

پولات مەمەتنىڭ ئېسىدە قىلىشىچە، ھەر قېتىم تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، مۇرات رۇستەم دائىم «مەن ئالدىدا ماڭاي» دەيتتى. ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە، ئۇ ھەمىشە ئەڭ ئالدىدا ماڭاتتى، ھاياتلىق ئۈمىدىنى سەپداشلىرىغا قالدۇرۇپ، ئۆلۈم خەۋپىنى ئۆزىگە قالدۇراتتى.

ئەينى يىلى، مۇرات رۇستەم ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلاندى، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

مېھرىبان، مەسئۇلىيەتچان كىشى

ھەر يىلى مۇرات رۇستەم قۇربان بولغان كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كېرەم ھوشۇر دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ قەبرە بېشىنى يوقلايدۇ.

كېرەم ھوشۇرنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، مۇرات رۇستەم مېھرىبان، مەسئۇلىيەتچان كىشى بولۇپ، خىزمەتتە زېرەك، باتۇر، يۈرەكلىك ۋە ئىنچىكە ئىدى. بىر قېتىم مۇرات رۇستەم ماشىنىنى ھەيدەپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەنشىخاڭزا كوچىسىدىن ئۆتكەندە، تۇيۇقسىز جىددىي تورمۇزلاپ ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇدۇل كىشىلەر توپىغا قاراپ ئېتىلغان. ماشىنىدىكى سەپداشلىرى ئېسىگە كېلىپ بولغىچە، مۇرات رۇستەم چەبدەسلىك بىلەن بىر ئادەمنىڭ قولىنى قايرىپ ماشىنىغا ئېلىپ چىققان. سوراق قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئادەمنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئون نەچچە زەھەر چەككۈچى ئىچىدىن قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى تېپىپ چىقىشقىچە، يېرىم كېچىدە جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ ئاتلىنىپ، جەڭگە ماھىر ئەسكەر ئاسماندىن چۈشكەندەكلا جىنايەت گۇماندارلىرى ئالدىدا پەيدا بولۇشقىچە، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 16 سائەت ئىچىدە پەۋقۇلئاددە زور ئوغرىلىق دېلوسىنى پاش قىلىشقىچە ... مۇرات رۇستەمنىڭ ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك تەكشۈرۈش ئېڭى بار بولۇپ، سەپداشلىرى ئۇنى «جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولۇشقىلا يارالغان» دېيىشتى.

«مۇرات رۇستەم بىلەن مەن قۇرداش، ئىككىمىز بىر ئايدا توي قىلغان. ئۇنىڭ توي مۇراسىمىدا، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىر قول ۋالىس ئوينىغان بولۇپ، ئۇسسۇل قەدىمى نەپىس، ئىنتايىن رومانتىك ئىدى.» كېرەم ھوشۇر مۇنداق دېدى: مۇرات رۇستەم ئادەتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى، يەنە «ئەلچى» بولۇشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىدارىدىكى بىر نەچچە خىزمەتدىشىنىڭ تويى ئۇنىڭ ۋاستىچى بولۇشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان.

مۇرات رۇستەم تويدىن كېيىن بىر ئوماق قىز پەرزەنتلىك بولغان، خىزمەت ئارىلىقىدا، ھەر قېتىم سەپداشلىرى بىلەن خوتۇنى ۋە قىزىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق ئەكس ئېتەتتى، بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. مۇرات رۇستەم قۇربان بولۇشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، خوتۇنى ئۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرىپ بالىسىنىڭ ئېمىزگۈ بوتۇلكىسىنى قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، دېلو بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، تاكى قۇربان بولغۇچە بالىنىڭ ئېمىزگۈ بوتۇلكىسى يەنىلا ئۇنىڭ ماشىنىسدا تۇرغان.

قەھرىماننىڭ روھى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ

ۋارىسلىق قىلىش ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەنلىك، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق. بۈگۈنكى كۈندە، مۇرات رۇستەم ئىلگىرى خىزمەت قىلغان جايدا، تۈركۈم - تۈركۈم ياش ساقچىلار ئۆسۈپ يېتىلىپ، قەھرىماننىڭ ئىزىنى بېسىپ، قەھرىماننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى 1 - چوڭ ئەترىتىنىڭ 4 - دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى ليۇ. سەيرېنجياشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان تۇنجى كۈنىلا مۇرات رۇستەمنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغان، «ئۇ بىزنىڭ مەڭگۈلۈك سەپدىشىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز».

نۇرغۇن سەپدىشىمىز جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولدى، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى 4 - چوڭ ئەترىتىنىڭ 4 - دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى جى لىڭتۇڭ.

ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان، خەلق ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات. ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭزىجياڭ يولىدا ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسى نىجات كېرەم مۇنداق دېدى: زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، ئەگەر مۇرات رۇستەم قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشى بولمىسا، بۈگۈنكى بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. بىز ئۇلارغا مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئۇلارنى ياد ئېتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.