سانجى ئوبلاستىدا:
«تۆت خىل شەكىلدە سۆزلەش» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاندى، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىندى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن ئىختىيارىي مۇخبىر قىران ماقان
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى شياۋتۇڭ ماناس ناھىيەسىدە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.
«مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە مېنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى، مەن ئۆگىنىش نەتىجەمنى خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ماناس بازىرى نەنچېڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خۇ يۇڭچياڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش لېكسىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك بايلىقلارغا تايىنىپ، «تۆت خىل شەكىلدە سۆزلەش» (رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئۈلگە كۆرسىتىپ سۆزلەش، ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ لېكسىيە سۆزلەش، توردا ۋە تور سىرتىدا ئورتاق سۆزلەش)نى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە، سانجى ئوبلاستى 1000 مەيداندىن ئارتۇق مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، 55 مىڭ 300 مەيدان قېتىم ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.
سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. يېقىندا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىجىر بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كاڭ جۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باش تېما قىلىپ لېكسىيە سۆزلىدى، شىجىر بازىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
شىجىر بازىرىنىڭ كادىرى جاڭ شىياۋ مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىمنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمەن».
سانجى ئوبلاستى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئالاقە تورىدا تارقىتىش ۋاسىتىسىدىن كەڭ پايدىلىنىپ، توردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى ھەم بىر تۈركۈم مىكرو سىن، ئېلان، VR ،H5 قاتارلىق لېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش ئارقىلىق دەرسخانىنى تورغا چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش چوڭ «خور»ىنى ياڭراتتى.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سانجى ئوبلاستىدىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئائىلىلەرگە كىرىپ تۇغقانلىرى ۋە ئالاقە ئورناتقان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا ئوقۇشلۇق سوۋغا قىلىپ، ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى. سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئامما يەنە پارتىيەگە ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرىنى «ئاقىنلار ئېيتىشىشى»، شىنجاڭ خەلق قوشاقلىرى، موڭغۇل ئۇزۇن كۈيى قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈپ، ئېيتىپ، يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى، يېڭى دەۋر مەدەنىيەت ئەمەلىيىتى پونكىتىدا ئويۇن قويدى.
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى قازاق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى جانىبېك قابۇل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئىنتايىن روھلىنىپ، قايناق ھېسسىيات بىلەن «ئۇلۇغ جۇڭخۇا» ناملىق ناخشىنى ئىجاد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش مېنىڭ مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى. مەن داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ناخشا ئىجاد قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە، ئۇلۇغ ۋەتەننى كۈيلەيمەن!»