تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يەتتە ئايدا قورغاس پورتىدا ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى %16.5 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا قورغاس پورتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 22 مىليون 213 مىڭ 600 توننىغا، سودا سوممىسى 151 مىليارد 993 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5، %25.41 ئاشقان بولۇپ، يۈك توشۇش مىقدارى، سودا سوممىسى بىردەك شىنجاڭدىكى پورتلار ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇرغان.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، قورغاس پورتىنىڭ ئىمپورت يۈك توشۇش مىقدارى 19 مىليون 589 مىڭ 400 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان، ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئاساسلىقى تۆمۈر رۇدىسى، ئاشلىق، ياغ زىرائەتلىرى، خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆپ مىقدارلىق ماللار ئىكەن؛ ئېكسپورت مىقدارى 2 مىليون 624 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.6 ئاشقان، ئېكسپورت تاۋارلىرى ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، مېۋە - كۆكتات قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان. بۇ پورتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

قورغاستىكى بىر خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىنىڭ كەسىپ دىرېكتورى جاڭ بىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كارخانا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى قورغاستىن 15 يۈك ئاپتوموبىلى ئەتراپىدا مال ئېكسپورت قىلىدىكەن، ئېكسپورت ماللىرى ئۇششاق تاۋار، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى قازاقىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلىدىكەن.

«پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تاموژنا <پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇش + قىسقا ئارىلىقتا توشۇش> <چېگرا كۆۋرۈكىدە تاپشۇرۇش - تاپشۇرۇۋېلىش> قاتارلىق كۆپ خىل تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، قورغاس پورتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارىدا ئۇدا تۆت ئاي ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 7 - ئايدىكى 3 مىليون 136 مىڭ 200 توننىلىق ئىمپورت يۈك توشۇش مىقدارى 2019 - يىلىدىن بۇيانقى تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى» دېدى قورغاس تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يۈەن خۇيپىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.