تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت گۈزەللەشتى ساياھەت قىزىپ كەتتى

قىزىلقايىڭ كەنتىدە:

كەنت گۈزەللەشتى ساياھەت قىزىپ كەتتى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لو ياڭشۆ

نۆۋەتتە، تاغ باغرى، سۇ بويىغا جايلاشقان بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى، قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا 100 مېتىر كېلىدىغان قاناس گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدىكى 1000 مولۇق گۈل دېڭىزىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىگە كىردى. يىراقتا ياپيېشىل تاغ تىزمىلىرى قەد كۆتۈرگەن، يېقىندا ئېقىن سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان بولۇپ، دېھقان ئۆيلىرىدە قونۇپ، دېھقان تامىقى يەپ، يېزا - كەنتلەرگە خاس ئاددىي - ساددىلىقنى ھېس قىلىش بۇ كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ مەبلەغ ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشىدىكى بىر ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلقايىڭ كەنتى گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ۋە قويۇق يەرلىك پۇراققا تايىنىپ، يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش «تېز پويىزى»غا ئولتۇرۇپ، «ساياھەتچىلىكنىڭ تامىقى»نى يېدى.

«قاناس گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى بىلەن قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ تۈرى بىر - بىرىنى تولۇقلىغان بولۇپ، مەنزىرە رايونى يېمەك - ئىچمەك مەيدانى ۋە دۇكان - يايمىلارنى ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلىش شەكلىدە ئەتراپتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشىغا بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېرى ئوبوروت قىلىنغان دېھقان - چارۋىچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، <شىركەت+دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى» دېدى شىنجاڭ ۋەنشېڭ تيەنچېڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جېڭ چياڭ.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە، 28 - نومۇرلۇق پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئىگىسى جازىگۈل ناسۋۇللا كۈندىكىگە ئوخشاش ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھويلا - ئارانلارنى سۈپۈرۈپ، ئاشخانا زاپىسىنى تەكشۈرۈپ، ياتاقلاردىكى يوتقان - كۆرپە كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇردى... گەرچە دۈشەنبە كۈنى بولسىمۇ، مېھمانلار يەنىلا خېلى كۆپ ئىدى، ئارىلاپ - ئارىلاپ مېھمانلار كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ ياتاق زاكاز قىلاتتى. ئۇنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىغا كىرىپ، ياتاقلارنىڭ پاكىز ۋە رەتلىك، سۇ تۇرۇبىسى ۋە يۇندى تۇرۇبىسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى، پۈتۈن كۈن 24 سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆردۇق. پۇقراۋى قونالغۇدا 14 كارىۋات بولۇپ، 2017 - يىلى 8 - ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان.

«ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە بىز بىر كۈندە 1500 يۈەن كىرىم قىلالايمىز.» جازىگۈل مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىش بىزنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. ھەر كۈنى ئون نەچچە ساياھەتچى بىزنىڭ قونالغۇغا كېلىپ تۇرىدۇ، ھازىر كەنتىمىزدىكى پۇقراۋى قونالغۇلار ناھايىتى بەك ئالقىشقا ئېرىشتى، كىرىمىمىز بارغانسېرى ئاشتى.

كەنتكە پەقەت بىر تاغ يولىدىن كىرىش، لايدا سۇۋالغان ئۆي ۋە تاشتا ياسالغان ئۆيلەردە ئولتۇرۇش، تاغ چوققىسىغا جايلاشقان يەرنى تېرىش، مانا بۇ قىزىلقايىڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تاغ ئېتىكىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇردى، يەنە ئۆزگىچە، خاسلىققا ئىگە پۇقراۋى قونالغۇلارنى سېلىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزمەكتە.

قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، جازىگۈل كەنتتە قۇرۇلغان خۇڭيېلىن ئات مىنىش جەمئىيىتى ۋە ئات چانىسى جەمئىيىتىگە تايىنىپ، ساياھەتچىلەرنى يېتەكلەپ ئۇلارغا مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلدۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئېسىل مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇردى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ سودىسىمۇ تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى.

قىزىلقايىڭ كەنتى بۇرچىن ناھىيەسىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغا بېرىشتىكى جەزمەن ئۆتىدىغان جاي. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2016 - يىلى كەنتتە خۇڭيېلىن ئۆرپ - ئادەت ئائىلە زىيارىتى ساياھەت جەمئىيىتى قۇرۇلدى، ھازىر پۈتۈن كەنتتە پۇقراۋى قونالغۇدىن 45ى قۇرۇلدى.

2017 - يىلىدىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ھاللىق كەنت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، قىزىلقايىڭ كەنتىدە ئاساسلىق غول يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتتى؛ تۇرۇبا سۈيىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش نىسبىتى %100كە يەتتى؛ كەنت رادىيو - تېلېۋىزىيە، سىمسىز تور سىگنالى بىلەن تولۇق قاپلاندى؛ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىسىدە پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى%100كە يېتىپ، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

خۇڭيېلىن ئۆرپ - ئادەت ئائىلە زىيارىتى ساياھەت جەمئىيىتى يەنە پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ يېرىك پىلان لايىھەسى، ياتاق ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى، پۇقراۋى قونالغۇ بەلگىسى، پۇقراۋى قونالغۇنى بېزەش قاتارلىق بەش جەھەتتىن ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈردى. باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولغاچقا، كەنتتىكى پۇقراۋى قونالغۇ ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ناھايىتى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىز كۈتۈۋالغان قونىدىغان ساياھەتچى 42 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2020 - يىلىدىكى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىدى. ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار 150 كىشىدىن كۆپرەككە يېتىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلىپ، يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم 13 مىڭ يۈەنگە يەتتى. گۈزەل يېزا - كەنت گۈزەللىك ئىقتىسادىغا <تۈرتكە بولۇپ>، قىزىلقايىڭ كەنتىنى <تاغنىمۇ، سۇنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتىدىغان> ساياھەت داڭلىق كەنتىگە ئايلاندۇردى» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ قىزىلقايىڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ جىيۇڭ.

«كېيىنكى باسقۇچتا بىز يەنە پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك بولۇش، يېشىل بولۇش، مۇھىت قوغداش، ئىستىراھەت، سەيلە قىلىشتەك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەنزىرىسى، ئىستىراھەت دەم ئېلىش، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنت ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئالاھىدىلىك قىلغان كەسىپلەر توپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىمىز» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي.

■ سۆز ھەممىگە

كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى يېزا - كەنت ساياھىتىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

□ئېربولات چامچىقان

يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، چوڭقۇر بازىرى تەرەققىيات پىكىر يولى، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، تىجارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىرتقا چىقىپ كۆپ ئۆگىنىش، كۆپ كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «ياچېيكا + شىركەت + جەمئىيەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق، قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، بىرتۇتاش قۇرۇپ، كۆلەم ئېففېكتىنى ئىشقا ئاشۇردى. ساياھەت باشلامچى كارخانىسى، ساياھەت جەھەتتىكى كەسپىي قوشۇنلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتى دېھقانلار ئارامگاھى، كۆكتات - مېۋە ئۈزۈش باغچىسى قاتارلىق يەككە كەسىپ ھالىتىدە بولماستىن، بەلكى ئىجادىي لايىھەلەش، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى تىجارىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىككە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يېزا - كەنت ساياھىتىگە تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى كەڭ بازار ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.