تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭنى قوغدايمىز

​− شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ نا، گو لىڭ

2020 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومېتىتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى.

«يېڭى تارىخىي شارائىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرى پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىشى كېرەك».

ھەربىر سۆزنىڭ ۋەزنى ئېغىر، ھەربىر جۈملىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر.

بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

ساقچىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈندى، ساداقىتىنى تاۋلىدى

«مىنشېڭ كۆۋرۈكىدىكى يول مىنشېڭ يولى دېيىلىدۇ، يول ياقىسىدىكىسى مىنشېڭ مەيدانى...» 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىنچېڭ ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسى ئۆتكۈزگەن باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىدە، كورلا شەھەرلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئالىي لېكتور فۇ شياۋفاڭ شۇ جايدىكى ئاق قۇ دەرياسىدىكى مىنشېڭ كۆۋرۈكى، ۋۇفۇ كۆۋرۈكى قاتارلىق ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارغا بىر مەيدان جانلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى.

شىنچېڭ ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە دەرسىنى ھەقىقىي كۆرۈنۈشكە يۆتكەپ، پارتىيەلىك خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى تەربىيەلەش شەكلىنى كېڭەيتىپ، «ھەرىكەتچان قىزىل دەرسخانا»نى بەرپا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، تېخىمۇ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتۈردى.

شىنچېڭ ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاش، سىياسىي ئېتىقادنى مۇستەھكەملىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

پارتىيەگە سادىق بولدى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇندى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باشتىن - ئاخىر سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ساقچى بايرىقىدىكى مۇتلەق سادىق بولۇش، مۇتلەق پاك بولۇش، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان قىزىل رەڭنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.

«1 - قارالما» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن، سىياسىي تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش قاتارلىق تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى.

مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى مەمەتنىياز تۇرسۇن ئاقتۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېڭۋېيسى. بىر يىلدىن بۇيان، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، كاللىسى سەگەك، پىكىر يولى ئوچۇق بولۇشنى، ئىرادىنى ساقلاشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، شۇ جاينىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى.

مەمەتنىياز تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمەن.

خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلىدى

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، قابا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن ئەۋەتىلگەن بىر لەۋھەنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۈستىگە ئالتۇن رەڭدىن ھەل بېرىلگەن خەتتە چوڭ قىلىپ «قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىنى تۈگەتتىڭلار» دەپ يېزىلغانىدى.

لەۋھە تەقدىم قىلغۇچى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى ليۇ ئەپەندى بولۇپ، بۇ يىل 4 - ئايدا، ئۇ بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بۇرچىن ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىققان، دۆلەت يولى 331 - لىنىيەسىنىڭ 9211 كىلومېتىر جايىغا كەلگەندە، مەشغۇلات مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن ئاپتوموبىل بېشى يول ئۇلىغا «سوقۇلۇپ» كېتىپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسى يولدا توغرىسىغا توختاپ قالغان.

قابا ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى تۆت سائەتتىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ليۇ ئەپەندىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆرەپ چىقىرىپ بەردى. مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ليۇ ئەپەندى ئاشۇ لەۋھەنى ياساتتى ھەم قۇتقۇزۇپ - ياردەم بەرگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىنىڭ ۋىيشىنى ۋە دوۋيىن نومۇرىدا ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرىنى تەرىپلىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ، ئېگىزلىكتىكى چېگرا رايونىنى چىڭ ساقلاپ، چوڭ - كىچىك كوچىلاردا ئالدىراش يۈرۈپ، بوران - چاپقۇنلاردىمۇ چارلاش ئېلىپ بېرىپ، تىنچ - ئامانلىقنى قوغداپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، «ساقچى كۆك فورمىسى» ئارقىلىق تىنچ - ئامان شىنجاڭنىڭ ئاساسى رېڭىنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ساقچى بايرىقىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى، ساقچى بەلگىسى خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆزنى چاقناتتى.

مەملىكەت بويىچە «فېڭچياۋچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى» − ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ، 2020 - يىلى «سوت بىلەن ساقچىخانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش»نى تاماملاپ، دەۋالاشقۇچىلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىلا خەلق سودىيەسى بىلەن كۆرۈشۈپ، تېخىمۇ نوپۇزلۇق قانۇن چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى تاۋ يۇڭشېڭ خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ، ئاممىغا چىن قەلب بىلەن ئەستايىدىل، قىزغىن، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

«بىز خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ئىللىقلىق، بەخت، رازىمەنلىك ھېس قىلدۇرىمىز» دېدى تاۋ يۇڭشېڭ.

ئۆزىنى يېڭىلاپ پولات قوشۇننى تاۋلىدى

قۇملۇق، ئورمانلىق، ئېگىزلىك، سۇ رايونى... 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پامىر ئېگىزلىكىدە پۈتۈن يەر شەكلى مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، پىيادە يۈرۈش، ئورمانلىقتا ئىزدەش، تاغدا تۇتۇش قاتارلىق مەشىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتتا ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن ساقچىلار ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دىققەتنى داۋاملىق ئەمەلىي جەڭگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەشىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پولاتتەك غايە - ئېتىقاد، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىق، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەت، پولاتتەك ئىنتىزام - ئىستىلدىن ئىبارەت «تۆت پولاتتەك» يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلىدى.

يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنىنى تاۋلاشتا، يەنە ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەملىكەت بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەڭ قاتتىق ئىستىلدا تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىق «ئۈچ ئەڭ» تەدبىرنى يولغا قويۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنى ساپلاشتۇردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، «خەلق قەھرىمانى» غەيرەت مامۇت، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» نادىبېك ئاۋازبىك، «جامائەت خەۋپسىزلىكى نەمۇنىچىسى» دىڭ فاگېن، «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» تاۋ يۇڭشېڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم قەھرىمان - نەمۇنىچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنى ئۇدا كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، ئالتاي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتى جىنايى ئىشلار تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى چىڭ، 27 يىلدىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 7800دىن ئارتۇق نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، نەچچە ئونمىڭ پارچە ماددىي ئىسپات ئېلىپ، كەسپىي تېخنىكا ئارقىلىق ئالتاي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئۇدا 18 يىل قاتىللىق دېلولىرىنىڭ ھەممىسىنى پاش قىلىشتەك نەتىجىگە ئېرىشىشىگە كۈچ قوشتى.

لى چىڭ مۇنداق دېدى: جىنايى ئىشلار رازۋېدكا سېپىدىكى جىنايى ئىشلار ساقچىلىرىنىڭ جىنايەتكە زەربە بېرىشى ئۆز خىزمىتى، خەلقنى قوغداش بۇرچىدۇر، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم قانۇننى قاتتىق، ئادىل، پاك ئىجرا قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىمىز، قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەمىزنى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ساقچى بايرىقىغا شان - شەرەپ كەلتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.