تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىشتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقان.

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى يەننەن تاقىر، قاقاس تاغنى كۆكەرتىش تۈرى نەق مەيدانىدا، جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ 5 - قۇرۇلۇش شىركىتى ئۇل ئەسلىھە تۈرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لياڭ يافېي بىر يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ پۈتۈن تاغدىكى 7000 مودىن ئارتۇق يەرنى كۆكەرتىش - سۇغىرىش خىزمىتى مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

«يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلغاندا دەل جايىدا سۇغارغىلى بولىدۇ، كۈندىلىك سۇ سىڭىش مىقدارىنى 3000 كۇبتىن ئارتۇق تېجىگىلى بولىدۇ.» لياڭ يافېي مۇنداق تونۇشتۇردى: يەننەن قاقاس تېغى يەر شەكلىنىڭ ئېگىز - پەسلىك پەرقى چوڭ بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان سۇغىرىش سىستېمىسى رەقەملىك تەقلىد قىلىش ھەم ھېسابلاپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، سۇغۇرۇش ۋاقتى، سۇ مىقدارىنى دەل جايىدا تەقسىملەپ ماسلاشتۇرۇپ، كۆچەتلەرنى سۇغىرىش تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ قاقاس تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان سۇغىرىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش - ئەمەلىي قوللىنىش تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ تۈر قاقاس تاغنى كۆكەرتىشتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىدى. «كېيىنكى قەدەمدە، كارخانىمىز يېڭىلىق يارىتىپ ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كەسىپ ئورتاق تېخنىكىسى، كەسىپ بوغما ھالەت تېخنىكىسى، ئالدىنقى قاتاردىكى ساھە ھالقىغان تېخنىكا قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.» دېدى جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋۇ گاڭجۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت»لار تىزىملىكىگە كىرگەن 25 كارخانا ئىچىدە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كارخانىلار يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى. تىزىملىككە كىرگەن شىنجاڭ خەيتيەن شياڭرۇي مۇھىت قوغداش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى 11 يىلدىن بۇيان دىققىتىنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە قاراتقان بولۇپ، ھەر يىلى 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلىتىپ، جەمئىي 32 تۈردە پاتېنت تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە ئۇنى ئايلاندۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش ساھەسىدىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن جەمئىي 3 مىليارد يۈەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى ئاجرىتىپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، تاشلاندۇقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز سانائىتىدە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %14.7 بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېشىل ياسىمىچىلىقنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى پائال يولغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش تېخنىكىسى، يېشىل مەھسۇلات، مۇلازىمەت تەمىنات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەتنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى بىلەن سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان زامانىۋى كەسىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرەك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.