تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ھەممە كىشى شىنجاڭنى سۆزلەش» قىسقا سىن مۇسابىقىسى سىزنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ!

  مەززىلىك تائاملار  گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئېلىش

  ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئىشلارنى سۈرەتكە ئېلىش

  شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش

  دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلىش

  يەنە نەچچە 10 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ بار

  بۈگۈندىن باشلاپ

  «ھەممە كىشى شىنجاڭنى سۆزلەش» قىسقا سىن مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى

  ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىش، ھەقىقىي سۆز. شىنجاڭنى كۆز بىلەن كۆزىتىپ، كۆڭۈل بىلەن ھېس قىلىپ، ئاپپارات كۆزى بىلەن شىنجاڭنى سۈرەتلەپ، پۇقرالار نۇقتىسىدىن، ئامما تىلىدا، توردا نامايان قىلىش شەكلى بىلەن، دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلىدۇ.

  بىرىنچى، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن

  شىنجاڭ ئالاقە تورى ساھەسى بىرلەشمىسى

  ئىككىنچى، پائالىيەت باش تېمىسى

  «ھەممە كىشى شىنجاڭنى تەرىپلەپ، دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى بايان قىلىش» تېمىسىنى چۆرىدەپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن قىسقا سىن ئەسەرلىرى كەڭ كۆلەمدە توپلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، تىزىمغا ئالدۇرۇشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

  1. ئەسەر توپلاش ۋاقتى: بۈگۈندىن باشلاپ 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 23كىچە بولىدۇ.

  2. ئەسەر توپلاش شەكلى: ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە تەشكىل تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، توردا توپلاش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  3. مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىش: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئالاھىدە مۇكاپات،1-دەرىجىلىك مۇكاپات، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات، 3- دەرىجىلىك مۇكاپات، مۇنەۋۋەر مۇكاپات قاتارلىق مۇكاپات تۈرلىرى ئەڭ ئاخىرىدا باھالاپ چىقىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات تۈرىنىڭ سوممىسى 30 مىڭ يۈەن.

  4. تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى: مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە بىردەك «ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى+مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتور ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئورۇن+ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى» دەپ ئىسىم قويۇپ ساقلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا ئالاقىدار يازما چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى بولۇشى كېرەك (چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىنىڭ شەكلىنى ئىلتىماس قىلىش ئەندىزىسىگە قاراڭ). يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى يىغىپ، بەلگىلەنگەن پوچتا ساندۇقى xmtcbjs@ 163.com غا يوللاڭ. پائالىيەتتىن مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى: جوۋ مۇئەللىم، 18119126008.

  4. ئەسەر تەلىپى

  1. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر ئەسلىي ئىجادىيەت بولۇشى كېرەك، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىشقا، ئوغرىلاپ ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  2. باش تېمىسى روشەن، مەزمۇن يۆنىلىشى توغرا، ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان بولۇش، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  3. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ تۈرى قىسقا سىن ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، كارتون، vlog، قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم، تور تىياتىرى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بولسىمۇ بولىدۇ، تىلى چەكلەنمەيدۇ.

  4. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيانقى ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك (يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ، ھەر خىل يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئىجاد قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بولىدۇ، سۇپا چەكلەنمەيدۇ).

  5. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ كۆرۈنۈشى پاكىز بولۇشى كېرەك، بۇلۇڭ بەلگىسى، تامغا قاتارلىق بەلگىلەر بولماسلىقى، شاۋقۇن بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

  5. جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش باياناتى

  1. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ مۇكەممەل مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يانداش ھوقۇقى، ئۇچۇرنى توردا تارقىتىش ھوقۇقى ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئالاقىدار مەخسۇس سەھىپە، خەۋەر، ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا بۇ ئەسەرلەرنى ھەقسىز ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

  2. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مەزمۇنىنىڭ ھەر قانداق قانۇن-نىزامغا خىلاپ بولماسلىقىغا، ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى تەرۇز قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ياكى ھوقۇق-مەنپەئەتكە دەخلى قىلىشتىن كېلىپ چىققان تالاش-تارتىش، ھوقۇق-مەنپەئەت ماجىراسى ياكى شۇ سەۋەبتىن ئۈچىنچى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىغان، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇن بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  3. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەسەرلەردە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ياكى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردە جەمئىيەت تەرتىپى، ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپلىق قىلىش بار دەپ قارىسا، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  4. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇننىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىسا، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بارلىق زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدۇ. بۇ تارماقتا دېيىلگەن زىيان بىۋاسىتە زىيان، ۋاسىتىلىك زىياننى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شۇ سەۋەبتىن ئۈستىگە ئالغان مەمۇرىي جاۋابكارلىق، ھەقدارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بارلىق خىراجەت (ئادۋوكاتلىق ھەققى، دەۋا ھەققى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى، باھالاش ھەققى، باھالاپ-بېكىتىش ھەققى، ئامان ساقلاش ھەققى، ئامان ساقلاش كېپىللىك ھەققى، كاماندىروپكا ھەققى قاتارلىق بارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ).

  5. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقانلىق پائالىيەتنىڭ تۈرلۈك قائىدىلىرىگە قوشۇلىدۇ ۋە رىئايە قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈۋېلىڭ«ھەممە كىشى شىنجاڭنى سۆزلەش» قىسقا سىن مۇسابىقىسى سىزنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.