تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كۈرەشچان قىزىل بايراق مەڭگۈ ئۆڭمەيدۇ

− داچىڭ روھى ھەققىدە بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ جې، سۈن بياۋ، تاڭ تيېفۇ

1959 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ئالدىنقى كۈنى داچىڭ نېفىتلىكى بايقالغان. بىر مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا تولغان نېفىت ئېلىش چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى داچىڭ روھىنى بارلىققا كەلتۈردى.

60 نەچچە يىللىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش، مىللەت ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇشتىن ئىبارەت ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەت جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھى، ئىلىم - پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، «ئۈچتە سەمىمىي بولۇش، تۆتتە قاتتىق بولۇش»تىن ئىبارەت ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان، دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىگىلىك تىكلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت داچىڭ روھىنى شەكىللەندۈردى.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، داچىڭ نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد داچىڭلىقلار جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، قەدىمىي چۆل - باياۋاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ قالتىس تۆھپىسى ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخىي ئابىدىسىگە ئويۇلۇپ، داچىڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھى جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ روھىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

ۋەتەننى سۆيۈش، ئىگىلىك تىكلەش: «داچىڭ روھى»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىش

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەممە ئىشنى قايتا باشلاشقا توغرا كەلگەن، نېفىت دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ جان تومۇرى بولغاچقا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ھالبۇكى، يېقىنقى زاماندىكى يۈز نەچچە يىلدىن بۇيانقى نامرات، ئاجىز بولۇش ئەھۋالى سەۋەبىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭكىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغانىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېفىت چارلاپ تەكشۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك شەرققە يۆتكەش مۇھىم، زور تەدبىرىنى چىقاردى، جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، 1959 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، سۇڭلياۋ ئويمانلىقىغا جايلاشقان سۇڭجى 3 - قۇدۇقىدىن خۇشال قىلارلىق ھالدا سانائەت نېفىتىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ بايقالغانلىقىدىن دېرەك بەردى. جۇڭگونىڭ نېفىت ئېچىش تارىخىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر بەت شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېچىلدى.

1960 - يىلى 2 - ئايدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ كەسىپ ئالماشتۇرغان نەچچە ئونمىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەر، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى قاتارلىقلار بۇ چۆل - باياۋانغا ئاتلىنىپ، مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بىر مەيدان نېفىت ئېلىش چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىنى باشلىدى.

داچىڭ روھى تاغنى تالقان قىلغۇدەك مۇشۇ مەيدان چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭدە بارلىققا كەلدى.

«بۇ قىيىنچىلىق، ئۇ قىيىنچىلىق، دۆلەتتە نېفىتنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق؛ بۇ زىددىيەت، ئۇ زىددىيەت، دۆلەتتە نېفىت بولماسلىق ئەڭ چوڭ زىددىيەت.» «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشى قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىنى باشلاپ 1960 - يىلى 3 - ئايدا داچىڭغا بېرىپ، پويىزدىن چۈشۈپلا، تاماقنى سورىماي، ياتاقنى سورىماي، ئالدى بىلەن قۇدۇق بۇرغىلاش ماشىنىسى كەلدىمۇ يوق، قۇدۇق ئورنى قەيەردە، قۇدۇق بۇرغىلاش رېكورتى قانچىلىك دەپ سوراپ، بىر مۇشت بىلەن بىر قۇدۇق قېزىپ چىققۇدەك بولۇپ كەتتى.

«20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمىزكى، جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز» دېدى ۋاڭ جىنشى.

ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش، مىللەت ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇش بۇ مەيدان چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭدىكى بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسى بولدى.

داچىڭ نېفىت ئېلىش چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى قىيىن ۋاقىتتا، قىيىن جايدا، قىيىن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان. ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، تۇرىدىغان جاي بولمىغاچقا، ھەل قىلغۇچ جەڭگە قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر پەقەت ئات - كالا ئېغىلى ياكى ئۆزلىرى كولىغان گەمىلەردە تۇرغان، بەزىلىرى چۆل - باياۋانلاردا قونغان. ئاشلىق تەمىناتى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھەل قىلغۇچ جەڭگە قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر توڭلاپ قالغان بەسەي ۋە قىزىلچا يوپۇرماقلىرىنى يەپ، «ئۈچ ۋاق ئازراقلا تاماق بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭگە كاپالەتلىك قىلغان».

«شارائىت بولسا ئىشلەيمىز، شارائىت بولمىسا شارائىت يارىتىپ بولسىمۇ ئىشلەيمىز.» كىران ئەمەلىيلەشمەسلىك، بۇرغىلاش ماشىنىسى توشۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشتەك قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشى ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، سەپداشلىرىنى يېتەكلەپ، پىشاڭ بىلەن قومۇرۇش، دومىلىما پىشاڭ بىلەن دومىلىتىش، ئارغامچا بىلەن تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ، ئادەم كۈچىگە تايىنىپ بۇرغىلاش ماشىنىسىنى قۇدۇق مەيدانىغا يۆتكەپ كەلدى.

«بۇ، داچىڭ روھىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەت جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھىنىڭ ئەڭ جانلىق نامايەندىسى» دېدى داچىڭ تۆمۈر ئادىمى ۋاڭ جىنشى خاتىرە سارىيىنىڭ باش چۈشەندۈرگۈچىسى ۋاڭ لىجى.

ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش: «داچىڭ مۆجىزىسى»نى پۈتۈش

داچىڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 1 - زاۋۇتى 3 - نېفىت كېنى ئوتتۇرا 4 - نېفىت ئېلىش ئەترىتىدە، «ئۈچتە سەمىمىي بولۇش، تۆتتە قاتتىق بولۇش» روھى يېزىلغان بىر قىزىل بايراق ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن توشقانىدى. «ئۈچتە سەمىمىي بولۇش، تۆتتە قاتتىق بولۇش» روھى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەترەت قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا 4 - ئەترەتكە 1700دىن ئارتۇق ئادەم كىرىپ چىقىپ تۇردى، كادىرلار ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلماسلىق، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىق، بىخەتەر ئىشلەپ ھادىسە سادىر قىلماسلىق، شان - شەرەپكە ساختىلىق قىلماسلىقتىن ئىبارەت «تۆتنى قىلماسلىق» رېكورتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ كەلدى.

«ئىنقىلابىي ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىشتا سەمىمىي ئادەم بولۇش، سەمىمىي گەپ قىلىش، سەمىمىي ئىش قىلىش كېرەك؛ ئىنقىلابىي خىزمەت ئىشلەشتە قاتتىق تەلەپ، قاتتىق تەشكىللەش، قاتتىق پوزىتسىيە، قاتتىق ئىنتىزام بولۇش كېرەك، بۇ، ئوتتۇرا 4 - ئەترەتنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپلا قالماي، يەنە داچىڭ روھىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى» دېدى ئوتتۇرا 4 - ئەترەتنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ يىلۇن.

داچىڭ روھىدىكى ئىلىم - پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، «ئۈچتە سەمىمىي بولۇش، تۆتتە قاتتىق بولۇش»تىن ئىبارەت ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ئىدىيەۋى لۇشيەنىنى چوڭقۇر گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

داچىڭ نېفىتلىكى چارلاپ تەكشۈرۈپ ئېچىش تەتقىقات يۇرتىدا، تەتقىقات يۇرتىنىڭ بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن سابىق باش ئىنژېنېرى يۈەن چىڭفېڭ ھەر كۈنى ئىشخانىغا بېرىپ خىزمەت قىلىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇ بىر ئۆمۈر پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، يەنىلا ھاردىم - تالدىم دېمەي تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

«خىزمەت ئىشلىگەن ئىكەنمىز يىراقنى كۆرۈشىمىز، كۆپرەك ئويلىشىمىز، چوڭقۇرراق سورىشىمىز، راست سۆزلىشىمىز، ئەمەلىيرەك ئىشلىشىمىز كېرەك.» يۈەن چىڭفېڭنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ مەزگىلىدە، ئۇ نۇرغۇن پەن تەتقىقات خادىمىغا ئوخشاش، بىرىنچى قول سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، پىيادە مېڭىپ قۇدۇقمۇقۇدۇق تەكشۈرۈپ، كېچە سائەت 12دىن بۇرۇن ئاساسەن ئۇخلاپ باقماپتۇ.

داچىڭدىكى 2 - ئەۋلاد «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ چىمىن نەچچە ئون يىل بوشاشماي تىرىشىپ، «نوپۇزدىن ھالقىش، ئالدىنقىلاردىن ھالقىش، ئۆزىدىن ھالقىش»تىن ئىبارەت «ئۈچتىن ھالقىش روھى» بىلەن، ئەنئەنىۋى نەزەرىيەدىكى «چەكلەنگەن رايون»لارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ سىجىل يۇقىرى مەھسۇلات، مۇقىم مەھسۇلات ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىزنىڭ ئىش ئورنىمىز يەر ئاستىدا، كۈرەش قىلىش ئوبيېكتىمىز نېفىت قاتلىمى، نېفىت ئالغۇچىلار ئىدىيەدە چوقۇم ئازاد بولۇشى، دادىللىق بىلەن گۇمان قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇشى كېرەك.» ۋاڭ چىمىن مۇنداق دېدى: «ئىدىيەنى ئۆزگەرتكەندىلا، جەزمەن چىقىش يولى بولىدۇ».

داچىڭ نېفىتلىكىدىكى بىر بۆلەك چارلاپ تەكشۈرۈپ ئېچىش تارىخى دەل بىر بۆلەك پەن - تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش تارىخىدۇر. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد داچىڭ نېفىتچىلىرى پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۈچ قېتىم دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، خام نېفىتتىن ئۇدا 27 يىل 50 مىليون توننىدىن كۆپرەك يۇقىرى مەھسۇلات، مۇقىم مەھسۇلات ئېلىش، نېفىت - گاز ئېكۋىۋالېنتى 40 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولغان سىجىل مۇقىم مەھسۇلات ئېلىشتەك دۇنياۋى مۆجىزىنى ياراتتى.

60 نەچچە يىلدىن بۇيان، داچىڭ نېفىتلىكى جەمئىي 2 مىليارد 433 مىليون توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇقلۇق فاتسىيە نېفىتلىكىنى ئېچىش سەۋىيەسىنى ياراتتى. قەدىمىي چۆللۈكتە گۈزەل زامانىۋى نېفىت شەھىرى قەد كۆتۈردى. داچىڭلىقلار پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان، دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

داچىڭ نېفىتلىكىدىكى بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن «چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭگە قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى» چيۇ يۆتەي خېبېيدا تۇغۇلغان، 25 يېشىدا داچىڭ نېفىتلىكىگە كېلىپ چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭگە قاتناشقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن داچىڭدا يىلتىز تارتقان. چيۇ يۆتەينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقماپتۇ.

«چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭدە شارائىت ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ چېكىنىپ باقمىدۇق، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى كونا جەمئىيەتتە ھاياتىمىزنىمۇ ساقلاپ قېلىش تەس ئىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان تۇرسا، كىچىككىنە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق دېگەن نېمىتى؟» دېدى چيۇ يۆتەي.

ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش: «روھ»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش

داچىڭ روھى مەشئىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، ئۈزلۈكسىز دەۋر يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە قىلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

داچىڭ نېفىتلىكىدىكى بىر قۇدۇق مەيدانىدا، قۇدۇق جازىسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشى يېتەكلىگەن 1205 - قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى كېچە - كۈندۈز توختىماي قۇدۇق بۇرغىلاش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى. يېقىندا، 1205 - قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى ئىلغار يېڭى تىپتىكى بۇرغىلاش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، نېفىت ئېلىش يېڭى جەڭ مەيدانىدا قۇدۇق بۇرغىلاش دەۋرى يېڭى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

«ئەينى يىلى <تۆمۈر ئادەم> پېشقەدەم ئەترەت باشلىقى شۇنچە جاپالىق شارائىتتىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىغان، بىزنىڭ داچىڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرماسلىققا ئاساسىمىز يوق، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېدى 1205 - قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ جىڭ.

«داچىڭ روھى <ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تارتىپ، يۈدۈپ توشۇش>، <سۇ توشۇپ قۇدۇق قېزىش>، <يارىلانغان ھالەتتە پاتقاق كۆلچىكىگە چۈشۈپ نېفىت ئېتىلىپ چىقىۋاتقان قۇدۇق ئېغىزىنى كونترول قىلىش>لا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل چوڭقۇر ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، بىر خىل ئىلمىي بولغان خىزمەت ئۇسۇلى ۋە پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى، غايە - ئېتىقادى، ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلدى» دېدى داچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى داچىڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىلى.

يېڭىلىق يارىتىش داچىڭ روھىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىدىكى ئاچقۇچ.

داچىڭدىكى 3 - ئەۋلاد «تۆمۈر ئادەم» لى شىنمىن «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشىنىڭ قۇدۇقنى مەملىكەت سىرتىغا بېرىپ قېزىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا تىرىكىگە تايىنىپ، داچىڭ نېفىتلىكى «چىقىرىش»تا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مەملىكەت سىرتىدىكى كەسىپلەر ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ رايونغا كىردى، مەملىكەت سىرتىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون تونناژلىق كۆلەمگە يەتتى.

كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى پېچەتلەپ ساقلاپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2000 مودىن ئارتۇق يەردە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئورمىنى بەرپا قىلىش، ھەر يىلى 600 مىليون توننا نېفىت تەركىبلىك يۇندىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ بىرتەرەپ قىلىش... دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە «كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجىسىدە، داچىڭ روھىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى تەدرىجىي بېيىدى.

«داچىڭ ھازىر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى داچىڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن باشلاپ، تىرىشىپ دۇنياغا داڭلىق بايلىق جەھەتتە تىپنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلىق يارىتىش شەھىرى، جۇڭگونىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق شەھىرى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات شەھىرى بەرپا قىلماقتا» دېدى داچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شىفېڭ.

«<ۋەتەننى سۆيۈش، ئىگىلىك تىكلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش>تىن ئىبارەت داچىڭ روھى ھەم تارىخقا، شۇنداقلا يەنە دەۋرگە مەنسۇپ. داچىڭ روھى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشتىكى مەدەنىيەت يىلتىزىمىز، قوشۇن روھىمىز، كۈچ مەنبەيىمىز» دېدى داچىڭ نېفىتلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فاڭ چىڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.