تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز سىنلىق يىغىن شەكلىدە 2021 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى باشلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتنىشىپ، پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئېنېرگىيە تېجەش قانۇن - نىزام، سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، تۆۋەن كاربون قويۇق كەيپىياتى يارىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيەدە تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم شەكىل ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشۋىقات باش تېمىسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدەپ، تەشۋىقات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېنېرگىيە تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.