تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ساداقىتىم، ئىسسىق قېنىم بىلەن بۇرچۇمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن

لۇڭ فېي:

ساداقىتىم، ئىسسىق قېنىم بىلەن بۇرچۇمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن

سىكاننېرلاپ تېخىمۇ كۆپ ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيىدا، ئىنقىلابىي قۇربان لۇڭ فېينىڭ سۈرىتى ئاستىدىكى كۆرگەزمە ئىشكاپىدا، ئۇ قۇربان بولغان كۈنى كىيگەن ئوق ئۆتمەس جىلىتكە ساقلانغان بولۇپ، مەيدىسىدىكى ئوق ئىزى كىشىنى چۆچۈتەتتى.

لۇڭ فېي سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماق ئەترىتى 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى 1 - شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ، 1998 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئىزدەپ تۇتۇش جەڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا 29 يېشىدا قۇربان بولغان.

لۇڭ فېي قۇربان بولغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى ھەم ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئېتىراپ قىلىندى.

«ئۇ مەندىن ئۈچ مېتىر يىراقلىقتىكى جايدا يىقىلدى»

ۋاڭ شىنلى لۇڭ فېينىڭ ئەينى يىللاردىكى سەپدىشى بولۇپ، ئۇلار 1998 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى جەڭ ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئىجرا قىلغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: لۇڭ فېي يەرگە يىقىلغان ئاشۇ كۆرۈنۈش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

«ئۇ قۇربان بولغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا بەك ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەچكە، بىر يۈەنلىك موخۇركا سېتىۋالغان بولۇپ، ئاشۇ بىر خالتا موخۇركىنى تېخى چېكىپ بولالمىغانىدى...» ۋاڭ شىنلى مۇنداق دېدى: 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىزدەپ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى تۇيۇقسىز تاپشۇرۇۋالدۇق، شۆبە ئەترەت ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا ئېگىزلىك نۇقتىسىغا چىقتى، لۇڭ فېي ئىككىمىز بىردىن گۇرۇپپىنى باشلاپ جىددىي ھۇجۇمغا ئۆتتۇق.

ئۇلار زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنغان ئۇۋىغا ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتى، ئەڭ ئالدىدا ئېتىلىپ بارغان لۇڭ فېينىڭ بوينىغا يوشۇرۇن جايدىن ئېتىلغان ئوق تەگدى.

«ئۇ مەندىن ئۈچ مېتىر يىراقلىقتىكى جايدا يىقىلدى، قول چىراغنىڭ نۇرىدا، ئۇنىڭدىن چىققان قاننىڭ يەرنى بويىۋەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.» ۋاڭ شىنلى مۇنداق دېدى: لۇڭ فېي ئېتىلىپ كىرگەندە، «ئىچىدىكىلەردە قورال بار ئىكەن» دەپ ۋارقىرىدى، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى ئىدى.

سەپداشلار كەينىدىنلا دەرھال جەڭگە ئاتلاندى. ۋاڭ شىنلى بېلىگە ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلدى...

«مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، جىددىي قۇتقۇزۇلۇپ ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن، لۇڭ فېينىمۇ ماڭا ئوخشاش قۇتقۇزۇۋېلىندى دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئۇنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن» دېدى ۋاڭ شىنلى.

قۇرۇق قول يامىشىشتا ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيتتى

1969 - يىلى 10 - ئايدا، لۇڭ فېي سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن شەھىرى خەنيۈەن ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىدىن قىزىل ئارمىيەنىڭ دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تارتىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ قەلبىگە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۇرۇقى تېرىلغانىدى. 1989 - يىلى، لۇڭ فېي ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، چېگرا رايوندا ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزدى. ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەزگىلىدە، لۇڭ فېي جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ، جاپالىق مەشىق قىلدى، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» «مۇنەۋۋەر بەنجاڭ» «مەشىق ئۈلگىسى» بولۇپ، توققۇز قېتىم مۇكاپاتلاندى، ئىككى قېتىم شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى.

1991 - يىلى، يۇرتى سىچۇەنگە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان لۇڭ فېي شىنجاڭدا قېلىپ، خەلق ساقچىسى بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى تاللىدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ كۆپ قېتىم ھايات - ماماتلىق، قانلىق كۈرەش سىنىقىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەزەلدىن قورقۇپ قالمىدى.

1991 - يىلى، لۇڭ فېينىڭ 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىنغان ئارخىپىغا مۇنداق بىر بۆلەك باھا سۆزى يېزىلغان: «بەش كىلومېتىرلىق دالا يۈرىشىدە ئۇ قەيسەرلىك بىلەن باشلامچى بولدى؛ 400 مېتىرلىق توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتۈشتە ئۇ جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلدى؛ گىرانات ئېتىش، تاكتىكا، دۈشمەن تۇتۇش تېخنىكىسى، سەپ مەشىقىدە ئۇ تېخىمۇ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە بولدى؛ بولۇپمۇ بىناغا يامىشىش، ئاسما ئارغامچىدىن سەكرەش، دېرىزىدىن كىرىپ دۈشمەننى تۇتۇش ھەرىكەتلىرىدە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلدى».

«ئۇ ئەسۋاب ئىشلەتمەي، بىنانىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ قۇرۇق قول يامىشالايدۇ، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ھېچقايسىمىز ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيتتۇق.» ۋاڭ شىنلى مۇنداق دېدى: لۇڭ فېي مەشىقتىمۇ ناھايىتى «تىركىشەتتى»، بېلى سوزۇلۇپ زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككى پارچە مەلھەم دورىنى چاپلاپلا يەنە مەشىق مەيدانىغا قايتىپ كەلدى.

قىسقىغىنا ھاياتىدا نۇرغۇن ئىش ئىزلارنى قالدۇردى

«لۇڭ فېي قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىلىغا كېلىپ، سەپداشلىرىغا ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.» ۋاڭ شىنلى مۇنداق دېدى: لۇڭ فېي كىچىكىدىنلا ئەقىللىق بالا بولۇپ، ئاكا - سىڭىل ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە، لۇڭ فېي بالىلارنىڭ چوڭى ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ھەمىشە ئالدى بىلەن ئىنى - سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئاندىن سومكىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە باراتتىكەن. مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ دەرسخانا تازىلىقىنى قىلاتتىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئالتە يىلدا ئۇ ھەر كۈنى شۇنداق قىپتۇ.

ۋاڭ شىنلى ئىلگىرى لۇڭ فېي بىلەن بىر ياتاقتا تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: لۇڭ فېينىڭ مىجەزى ئىنتايىن ئوچۇق - يورۇق، كۈلگۈنچەك ئىدى، ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى، مايدا چۈچۈتۈلگەن لازا بىلەنلا بىر چوڭ قاچا مىفەننى يەۋېتەلەيتتى.

خىزمەتداشلىرىغا لۇڭ فېي ھەمىشە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلاتتى ۋە كۆڭۈل بۆلەتتى. قەھرىتان قىشتا، بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان خىزمەتدىشى ۋەزىپە ئورۇنداشقا چىقماقچى بولغاندا، ئۇ پەلتوسىنى سېلىپ خىزمەتدىشىغا كىيگۈزۈپ قويدى؛ سەپدىشى كۇڭ چاۋخۇي قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغاندا، ئۇ كۇڭ چاۋخۇينىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى؛ سەپدىشىنىڭ يۇرتىدىكى ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئانىسى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، لۇڭ فېي بارلىق يىغقان پۇلىنى سەپدىشىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەۋەتىپ بەردى...

تېجەشلىك، ئاددىي - ساددا بولدى، كۆڭلىدە باشقىلار ئۈچۈن ئويلىدى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويدى، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى... خەلق ساقچىسى لۇڭ فېي ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا، نۇرغۇن ئىش ئىزلارنى قالدۇردى. ئۇنىڭ شانلىق ئوبرازى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىنى تەسىرلەندۈرمەكتە ۋە ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.