تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇن قوزغىدى روھ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى

تۇرپان شەھىرىدە:

ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇن قوزغىدى روھ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جيەنشەن، شېڭ يۈ

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەھەردە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قىزغىن، جانلىق بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. يىغىنغا قاتناشقان كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تۇرپان شەھىرىنىڭ تەبىئىي بايلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 7 - ئايدىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ قۇردى ھەم پارتىيە ئەزالىرى − ئامما مۇلازىمەت مەركەزلىرى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش پونكىتى قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش بازىسىغا تايىنىپ، لېكسىيە شەكلى، زىيارەت قىلىش شەكلى، كۆرۈنۈش شەكلى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى 2316 مەيدان مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، ئاڭلىغۇچى ئامما 43 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يەتتى.

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى مۇقام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۆمەر ئىسمائىلنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەش باشلاندى. لېكسىيەدە كەنت 1 - شۇجىسى زۇلپىقار راخمان ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن كۆپچىلىكنى پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىككە ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

«ئامما قەيەردە بولسا، بىزنىڭ لېكسىيەمىز شۇ يەرگە ئەگىشىپ بارىدۇ. بىز <مىكرو پارتىيە دەرسى>نى مۇقىم ئورۇندىن ھويلا - ئارانلارغا، ئېتىز باشلىرىغىچە كېڭەيتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتىكى چوڭ كاناي، سۇپا بېشى تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى زۇلپىقار راخمان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى ھەم زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، «مېنىڭ پارتىيەگە سۆزۈم بار» قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردە قويۇق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش كەيپىياتى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.