تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى بىردەك ئۆستى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىپ پايدىلىنىش نىسبىتى جەمئىي %98.4كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ شامال ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %92.3 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىشنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئەھۋالى ياخشى بولغان، شامال ئېلېكتىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلانغان، ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىش ۋاقتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پايدىلىنىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك ئۆسكەن.

7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 104 مىليون 984 مىڭ كىلوۋات بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 12 مىليون 385 مىڭ كىلوۋات (تەقسىملەنمە شەكىلدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ %11.8ىنى ئىگىلىگەن؛ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 23 مىليون 665 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقىنىڭ %22.6ىنى ئىگىلىگەن.

1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمىدىكى توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئوتتۇرىچە پايدىلىنىش ۋاقتى 2254 سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 119 سائەت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش 925 سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 87 سائەت ئاشقان؛ شامال ئېلېكتىرىدىن توك چىقىرىش 1455 سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 127 سائەت ئاشقان.

ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمىدىكى ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارى 236 مىليارد 970 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش 10 مىليارد 910 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.1 ئاشقان؛ شامال ئېلېكتىرىدىن توك چىقىرىش 33 مىليارد 720 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشقان.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، 2021 - يىلى ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىش مەسئۇلىيەت سالمىقى ۋەزىپىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەكسە باھالىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.