تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لېكسىيە سۆزلەش شەكلىنى بېيىتىپ، ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

قاراماي شەھىرى:

لېكسىيە سۆزلەش شەكلىنى بېيىتىپ، ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن تيەن خۇايىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يەن يۇڭجى

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئەتىرگۈل لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ قاراماي سىلىقلاش مېيى زاۋۇتىغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيەنى قانات يايدۇردى. ئېسىل لېكسىيە بۇ كارخانىدىكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مەن ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەن روھقا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرىمىز.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇنداق ئېسىل لېكسىيە سۆزلەش مەنزىرىسىنى قاراماي شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، يېزا - بازار، كوچا باشقارمىلىرىدىكى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.

7 - ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، قاراماي شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزى مەسئۇل بولغان ئورۇنلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاراماي شەھىرى كۆپ نۇقتا، كۆپ شەكىل، كۆپ سۇپا ئارقىلىق يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش ۋە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.

قاراماي شەھىرى سەككىز مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە 13 مەيدان - قېتىم لېكسىيە سۆزلىنىپ، ئورگان، مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ، جەمئىيەت تەشكىلاتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىقلارنى قاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىنلىق يىغىندىن پايدىلىنىپ پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك قاپلاش شەكلىدە لېكسىيە سۆزلەش ۋە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى، 5900دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر تەربىيەلەندى.

يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، قاراماي شەھىرى ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «سەبىي قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ · 100 يىلغا مەدھىيە» تېمىسىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش يازلىق تەتىللىك يۈرۈشلۈك ئالاھىدە پائالىيىتى، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن سىرت، پۈتۈن شەھەر بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى، سۆھبەت يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى ھەم مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، پارتىيەمىز قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە دۆلىتىمىزدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئازادە پاراڭلاشتى.

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، 20 - ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدىكى قاراماي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، سانسىزلىغان ئىرادىلىك ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرنىڭ ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكىنى ئېچىش چوڭ دولقۇنىغا ئاتلانغانلىقى نامايان قىلىنغان سەھنە تىياتىرى «نېفىت شەھىرىدىكى ئۆتكەن ئىشلار» قاراماي شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدا قويۇلدى. قاراماي شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سەھنە تىياتىرى، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان كۇەيبەن قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.