تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە 31 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى، تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش». مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش» بويىچە باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرىدىكەن.

2021 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش» نىشانى بىرلىك رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئىستېمالىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى دۆلەت چۈشۈرگەن نىشان دائىرىسىدە تىزگىنلەشتىن ئىبارەت. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2021 - يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي بوشاشماي تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش بوشلۇقىنى تەڭشەيدۇ؛ يۇقىرى سەرپىياتلىق كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىشنى مەنبەدىن ھەقىقىي توسۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپ كۆلىمى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل تېخنىكىنى ئەمەلىي قوللىنىشىنى قوللاپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ. قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇنىۋېرسال، ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك تىرانسپورت شەكىللىرىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە بىرىكمە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، ئاممىۋى ئاپپارات، سودا ئوبوروتى، يېزا - يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەت ساھەسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ 5 - تۈركۈمدىكى يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، سانائەت ساھەسىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلاردا «13 - بەش يىل»دىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋە «14 - بەش يىل»لىق ئېنېرگىيە تېجەش يىرىك پىلانى تۈزۈشنى باشلاپ، 5 - تۈركۈمدە ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرىدۇ. بىناكارلىق ساھەسىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئىمارەتلىرىدە ئېنېرگىيەنى %75 تېجەش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئاممىۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيەنى %65 تېجەش ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىدۇ، قاتناش ساھەسىدە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، پائال تۈردە يېشىل تاشيول بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت قوغدايدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. دىزېل يېقىلغۇلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ھەم پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېنېرگىيە تېجەشكە مەدەت بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداشقا دائىر قانۇن - نىزام ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ھەم قاتتىق ئىجرا قىلىش، پۈتۈن جەمئىيەت قاتنىشىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەشنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.