تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مالىيە چىقىمى 239 مىليارد 125 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %75.5كە يەتكەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملىدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك تۈرلۈك مالىيە چىقىمى 74 مىليارد 730 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %23.6 بولغان؛ ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ تۈرلۈك مالىيە چىقىمى 242 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %76.4 بولغان، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى ياخشى مالىيە پىشاڭىلىق رولىنى ئوينىغان.

خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مالىيە كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەدبىرلەرنى تۈرمۇتۈر رەتلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 20 تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسى تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 8 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق توققۇز ئەمەلىي ئىشنى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.