تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپ زەنجىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۈپەت، ئۈنۈمنى تەڭ ئۆستۈرۈش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ، يېزا - كەنتلەرنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشتىن زەنجىرنى تۇتۇشقىچە، مەھسۇلاتنى تۇتۇشتىن كەسىپنى تۇتۇشقىچە، ھالقىنى تۇتۇشتىن سىستېمىنى تۇتۇشقىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاساسى ياخشى، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى كۈچلۈك، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە جانلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل، ساغلام، ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ پىششىقلاش ئارقىلىق، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ بازاردا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ئۆرۈك مۇرابباسى، گۈلە قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرى سېختىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا ئۈزۈلمەي توشۇلدى.

مۇشۇ يىللاردا، يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش ئارقىلىق ئۆرۈك ھەم پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى تۆت پەسىلدە تەكشى سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆرۈكنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشۇردى.

«بۇ يىل بىز مېۋە قەنتى پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردۇق. شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈچيەن مۇنداق دېدى: مېۋە قەنتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەھسۇلات سۈپىتى بىرقەدەر ناچار، يېڭى يېمەكلىك ياكى يېمەكلىك پىششىقلاشقا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى قايتا پىششىقلاشقا بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە قەنتىنى ھەم كارخانىنىڭ شېكەرلەنگەن مېۋە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھەم بىۋاسىتە سېتىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خام ماتېرىيالدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە پىششىقلاش زەنجىرىنىڭ تەننەرخىنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پىششىقلاش زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىشى تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى كەسىپنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى. ئىلگىرى مەھسۇلات سۈپىتى بىرقەدەر ناچار بولغانلىقتىن سېتىشقا بولمايدىغان «سېسىق مېۋە» ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى ئارقىلىق يېڭى قىممەتكە ئىگە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يوۋلېگو شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىنچىكە پىششىقلانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 50 نەچچە خىلغا يەتتى، يىلىغا 5000 توننىدىن ئارتۇق ئۆرۈك سېتىۋالىدىغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە مەركەزلىك سېتىۋېلىش، دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدە قىلىنغان ئالتە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇلۇپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپ زەنجىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلاردىن يەنە شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھالقىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ياڭاقنى يېشىل پوستىنى ئايرىپ پىششىقلاپ ئىشلەش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، ياڭاقنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى، ياڭاقنىڭ ئاق مېغىز نىسبىتى ئىلگىرىكى %50كە يەتمەسلىكتىن %80تىن كۆپرەككە يېتىپ، تاۋار نىسبىتى ۋە قوشۇلما قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشتى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 516سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا 41. باشلامچى كارخانىلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ھۈنەر - سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسى ۋە پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 80 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

خاسلىق گەۋدىلىنىپ، سۈپەت ئەلالاشتى

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدە نامايان قىلىنغان رايون خاسلىقى ۋە سۈپەت خاسلىقىمۇ بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى.

مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاتچىلىق كەسپى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت كەسپىنى قېزىش قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلغار بيو دورا ياساش تېخنىكىسىغا تايىنىپ شەكىللەندۈرگەن «بوغاز ئات بىرىكمە ئانىلىق ھورمونى» كەسپى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تىپقا ئايلاندى.

«شىركەت ئىشلەپچىقارغان <بوغاز ئات بىرىكمە ئانىلىق ھورمونى>غا ئالاقىدار مەھسۇلاتلار 26 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشتى.» شىنجاڭ شىنزىيۈەن بىيو دورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى لو جۈن مۇنداق دېدى: شىنزىيۈەن بىيو دورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پۈتۈن يەر شارى بويىچە «بوغاز ئات بىرىكمە ئانىلىق ھورمونى»نى سانائەتلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككىنچى كارخانىغا ئايلاندى، مەھسۇلاتىنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. نۆۋەتتە، كارخانا جۇڭگو دورىگەرلىك داشۆسى، سۇجوۋ داشۆ قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئات يېغى، ئات قېنى زەردابى قاتارلىق بىيو مەھسۇلاتلارنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەھسۇلات سۈپىتىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشتىن باشقا، سۈپەت ئەۋزەللىكىمۇ پىششىقلاش كارخانىلىرى كۆزلەيدىغان رىقابەت كۈچىنىڭ بىرى.

چىرا ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ دامو سىلۇخۇڭ باغ - ئورمانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان چىلان مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە زاكاز قىلىندى. بۇ، كارخانىنىڭ ئىلغار يېمەكلىكلەرنى توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسىنى قوللانغانلىقىدىنلا بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى مەھسۇلاتنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشىپ، سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولدى.

«ئىستېمالچىلارنىڭ ئىدىيەسى <تويۇنۇش>تىن <ياخشى يەپ - ئىچىش>كە ئۆزگەردى، پەقەت ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردا سۈپەت ئەۋزەللىكى بولغاندىلا، ئاندىن خېرىدارلارنىڭ <ياخشى>غا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.» شىنجاڭ دامو سىلۇخۇڭ باغ - ئورمانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سەي لىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كارخانا ھەر يىلى يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چىلاندىن 1000 توننا ئىشلەپچىقىرىپ، كارخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن سۈپەت ۋە ئۈنۈم ئاساسىنى پۇختىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى تەرەققىيات جەريانىدا يېزا - كەنت خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تىرەك قىلىپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ ئىلى ئېتى كەسپى، ئۈزۈمچىلىك كەسپى قاتارلىق تۆت ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى، 28 يېزا ئىگىلىك كەسپىدىكى كۈچلۈك بازار، 134 يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر بەلبېغى شەكىللەندۈرۈلۈپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

كەڭ كۆلەمدە تەسىر كۆرسىتىپ كۈچلۈك تۈرتكە بولدى

يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى كەسىپنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

«بىز ئەسلىدە بار بولغان بالداق كەپتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىدا پىششىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق.» قەشقەر شىنتوۋ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇشۇ يىللاردا، كەپتەر بېقىش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى، كارخانىنىڭ پىششىقلاش سەۋىيەسى دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«كەسىپ زەنجىرىدە قىممەتنى تېخىمۇ كۆپ ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.» جاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان پىششىقلاش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، نۆۋەتتە كارخانىمىز 3000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كەپتەر باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق مۇھىت ياراتتى.

كارخانىلار كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى، كەسىپلەر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، بۇنداق مىساللار ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىنتايىن كۆپ.

«مەۋقەنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا قويۇپ، قىزىلگۈل ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى زور تۈركۈمدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.» شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يەن يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، شۇ جاي ۋە ئەتراپتىكى پەسىل خاراكتېرلىك ۋاقىتلىق ئىشچىدىن جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىمنى ئىشلىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم يارىتىپ بەردى؛ شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قىزىلگۈل، قىزىلگۈل كۆچىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم يارىتىپ بەردى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى باشلامچى كارخانىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش، ئاممىۋى مەنپەئەت ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ۋە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى باغلاش مېخانىزمىغا تايىنىپ، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق يېزا نوپۇسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلار «كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق، دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زىچ مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېھقانلارنى كەسىپ مەنپەئەت زەنجىرى ۋە گىرەلەشمە كەسىپ قىممەت زەنجىرىگە تولۇق سىڭدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.