تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوزغاتتى

تارباغاتاي ۋىلايىتى:

​چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوزغاتتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋېن بو

تارباغاتاي ۋىلايىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سۆزنىڭ روھى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «بۆسۈش» روھى، «يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى قوزغاتتى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ئارقا - ئارقىدىن ئاچتى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى، مۇھاكىمە قىلدى، باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تىرىشىپ ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى.

«ھەر قېتىملىق لېكسىيەدە مەن تەييارلىغان مەزمۇنلار ئوخشىمايدۇ، بۇ قېتىمقى لېكسىيە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا قارىتىلغان، ئېلىنغان مىساللار تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئورتاق سادا قوزغىغىلى بولىدۇ» دېدى شىخو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي لېكتورى شېن خەيلۇڭ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايىتى نەزەرىيە ئاساسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسى مول بولغان قابىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشقان، تۈرگە ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، توققۇز مەيدان قېتىم ئۈلگە كۆرسىتىپ لېكسىيە سۆزلەش قانات يايدۇرۇلدى، ئاڭلىغۇچى ئامما 5400دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يەتتى.

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئىككى سائەت يول يۈرۈپ، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇلانمۇچىر لېكسىيە ئەترىتى كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ كەلدى. لېكسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دەم ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا دەرھال ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ، بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغان چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بەردى.

لەرزان مۇزىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لېكسىيە سۆزلىگۈچى مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ، ئاددىي، ئاممىباب تىل بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە سۆزلىگۈچى پات - پات نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىك تۇرالغۇ، مەكتەپتە ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلىدى، ئالقىش سادالىرى كۆك ئاسمان، يېشىل ئوتلاق ئارىسىدا پات - پات ياڭراپ تۇردى.

7 - ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى باش تېمىسى ئېنىق بولغان، تەربىيە كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋاسىتىلىرىنى بېيىتتى، ئۇلانمۇچىر، چۆل - باياۋاندىكى يۇلغۇن، ئانارنىڭ دانىسى قاتارلىق ناملاردىكى ئۆزگىچە لېكسىيە ئەترەتلىرى «كىچىك ھويلا دەرسخانىسى» «ئۆگىنىشنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش» «ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش» «لېكسىيە سۆزلەش + ئەدەبىيات - سەنئەت» قاتارلىق شەكىللەرگە تايىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى. نۆۋەتتە، 1800 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىۋى خاراكتېرلىك لېكسىيە قانات يايدۇرۇلدى، ئاڭلىغۇچى ئامما 106 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى ساز كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ياۋ مىڭ ھەر كۈنى كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپلا، يان تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ، «i تارباغاتاي» APPسىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە ئالاقىدار سىنلارنى كۆرىدۇ.

«بوش ۋاقىتلىرىمدا سىنلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈپ ئۆگىنىمەن، ھەر قېتىم يېڭى ھاسىلاتلارغا ئىگە بولىمەن، تەسىراتىم بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى» دېدى ياۋ مىڭ.

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايىتى توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، لېكسىيەنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تۈرتكە بولۇش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، لېكسىيە، دوكلات بېرىش يىغىنى سىنىدىن تۆتى تارقىتىلدى، لېكسىيە مىكرو سىنىدىن ئونى سۈرەتكە ئېلىندى، يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتىدىن 120 نەچچىسى ئىشلەندى، توردا كۆرۈپ ئۆگەنگەنلەر 65 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇققا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.