تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەنلىك قىزغا ئىئانە قىلغان 120 مىڭ يۈەننىڭ نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈردى

ياخشى نىيەتلىك 3565 كىشى

خوتەنلىك قىزغا ئىئانە قىلغان 120 مىڭ يۈەننىڭ نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈردى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئېغىر مۇسكۇل ئاجىزلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خوتەنلىك قىز مياۋ يەنيەن 126 مىڭ 482 يۈەننى «شۈيدىچوۋ» ھېساباتىغا ئۇرۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ياخشى نىيەتلىك 3565 كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

«مەن قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا، 3000دىن ئارتۇق ئادەم ياردەم قولىنى سۇندى؛ مەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكەن ھەم تىرىشىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە بۇنى قايتۇرۇشۇم ھەمدە چوقۇم قايتۇرۇشۇم كېرەك.» 28 ياشلىق مياۋ يەنيەن ۋىيشىن ئارقىلىق مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

كېسەل سەۋەبىدىن ئاۋاز پەردىسىنىڭ يېپىلىشى قىيىنلىشىپ، 12 يىل ئىلگىرى مياۋ يەنيەن تەدرىجىي ھالدا سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان بولۇپ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا پەقەت خەت ئۇرۇشقا تايىنىدىغان بولۇپ قالغانىدى.

بۇ 120 نەچچە مىڭ يۈەننى، ئۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ۋىيشىندا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق، ئاز ـ ئازدىن توپلىغان.

شۈيدى شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: سۇپا قۇرۇلغاندىن بۇيان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بارلىق پۇلنى قايتۇرغان ئىش كۆپ ئەمەس. مياۋ يەنيەن ئۆز ئالدىغا پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، شىركىتىمىز ئىزچىل ئۇنىڭغا پائال ياردەم قىلىپ بارلىق ئىئانە قىلغۇچىلارغا پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى.

مياۋ يەنيەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 ـ شى 224 ـ تۇەندىن بولۇپ، 16 ياش ۋاقتىدا ئېغىر مۇسكۇل ئاجىزلىشىش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، تولۇق 2 ـ يىللىققا چىققاندا كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغان. قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش بىلەنلا بەل قويۇۋەتمەي، 20 يېشىدا تور دۇكىنى ئېچىپ ئۆز ئائىلىسىنىڭ چىلىنىنى ساتقان.

2019 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، مياۋ يەنيەن سىرتقا چىقىپ داۋالىنىپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا، نەنچاڭ پويىز ئىستانسىسىدا پويىز ئالماشقاندا كانايچىسى يۇقۇملىنىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. كۆپ يىل دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا يېيىشكە نۇرغۇن خىراجەت كەتكەن، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېتەرلىك داۋالاش ھەققىنى چىقىرالمىغان. شۇ جايدىكى بىر ياخشى نىيەتلىك كىشى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ توردا پۇل توپلىشىغا ياردەم بەرگەن.

«نەنچاڭدا، ئۇ ئون نەچچە كۈن ھوشسىز ياتتى، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، مەن پۇل ئىئانە قىلىش ئىشىنى دېدىم.» دادىسى مياۋ شۇشىن مۇنداق دېدى: «گەرچە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىزچىل بەل قويۇۋەتمىدى، باشقىلارغا قەرز بولۇپ قېلىشنىمۇ خالىمىدى».

كېسەل ئەھۋالى سەل تۇراقلاشقاندا، كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان مياۋ يەنيەن: «بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرىمەن!» دېدى.

خوتەنگە قايتىپ 4 ـ كۈنى، مياۋ يەنيەن دوستلار چەمبىرىكىدە قوغۇن سېتىشقا باشلىدى. ۋاكالەتچى بولۇپ ۋاكالىتەن تارقاتسا بىر يەشىكتىن ئۈچ يۈەن تاپقىلى بولاتتى، بىر يەشىكنى پارچىلاپ ساتسا 18 يۈەن تاپقىلى بولاتتى. كۈزدە، ئۇ كورلا نەشپۈتى، ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى ۋە ئۆز ئائىلىسىنىڭ چىلىنىنى ساتتى؛ قىشتا، ئۇ جىغان ساتتى. باشقىلار مال بارمۇ دەپ سۈرۈشتۈرسىلا، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇراتتى. گەرچە ئاۋازلىق ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمەت، ئۇنى زور تۈركۈمدىكى خېرىدارغا ئىگە قىلدى.

«بىر يىلدىن كېيىن، مەن 120 مىڭ يۈەن يىغدىم، شۇ چاغدىلا پۇلنى قايتۇرماقچى بولدۇم، لېكىن ئۆيدىكىلەر بۇنى چۈشەنمىدى.» مياۋ يەنيەننىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار ئىدى.

«ناۋادا پۇلنى قايتۇرۇۋېتىپ، يەنە ئاغرىپ قالساڭ، بىز سېنى نېمە بىلەن قۇتقۇزىمىز؟» ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئەندىشىسىنىڭمۇ داۋلىسى بار ئىدى.

بۇ يىل 6 ـ ئايدا، مياۋ يەنيەننىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئاتىسى ئۇنى گۇيياڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتتى. «ئۇنىڭ گىرىپتار بولغىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك پۈتۈن بەدەنلىك ئېغىر مۇسكۇل ئاجىزلىشىش كېسىلىگە تەۋە بولۇپ، ئاۋاز پەردىسى مۇسكۇلى ئېغىر دەرىجىدە يىگىلەپ كەتكەنىدى. ئەمدىلا دوختۇرخانىغا كىرگەندە، ئېغىر دەرىجىدە مۇسكۇل ئاجىزلىشىشنىڭ خەتەرلىك ئالامىتى بار ئىدى.» گۇيجوۋ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 ـ دوختۇرخانا نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كۇاڭ شىشياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: داۋالاش ئارقىلىق، نۆۋەتتە مياۋ يەنيەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، تۇرمۇشتا ئاساسەن ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، مياۋ يەنيەن دەرھال پۇل قايتۇرۇش ئىشىنى پىلانلىدى، «مەن پۇلنى يېتەرلىك يىغالماي قېلىشتىن ئەنسىرىمەيمەن، ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كېتىپ، بارلىق پۇلنى ئەسلىي يول بىلەن قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالماي قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن».

«بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكى تېخى ئەسلىگە كەلمىدى، ھازىرغىچە يەنىلا سىرتتا كېسەل كۆرسىتىۋاتىدۇ، يەنە بىزگە پۇل قايتۇرۇپ بەردى. ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتىدۇ، يەنيەننىڭ تېزرەك ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى، ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان بىڭتۇەن 224 ـ تۇەن 4 ـ ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى مېڭ فەنلىڭ.

«پۇلنى قايتۇردۇم، ئەمما 3565 ئىئانە قىلغۇچى ۋە 1366 ئۇلاپ تارقاتقۇچىنىڭ مېھىر ـ شەپقىتىنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ بولالمايمەن. مۇھەببەت بىر خىل ئېنېرگىيە، مەن ئۇنى داۋاملىق تارقىتىمەن» دېدى، مياۋ يەنيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.