− «<ئامېرىكا بىرىنچى>؟! ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دوكلاتىغا يەشمە
□دىڭ يىفەن
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر مەيدان پۈتۈن يەر شارىغا يامرىغان ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى بولۇپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسى ئارقىسىدىكى قىلمىش - ئەتمىشلىرىگە نەزەر سالساق، زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمايلا قالماستىن، يەنە يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر ئېلىپ كېلىپ، ئۆزگىگىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.
يېقىندا، جۇڭگو خەلق داشۆسى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتى تەيخې ئاقىللار ئامبىرى ۋە خەيگو تۇجى تەتقىقات يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ «<ئامېرىكا بىرىنچى>؟! ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك رولىنى يوقاتقانلىقىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىدى، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغان تۈرلۈك رەزىل قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى، كىشىلەرگە ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ سىرتقى قىياپىتى چاقناپ تۇرىدىغان «دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت»نىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەردى.
دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: ئامېرىكا پۈتۈن يەر شارىدىكى 1 - نومۇرلۇق كۈچلۈك دۆلەت تۇرۇقلۇق، ئەكسىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قالدى. گەرچە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە، كۆپلىگەن دوختۇر - سېسترالار ۋە تەرەققىي تاپقان تېببىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇم ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. مەيلى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى (35 مىليوندىن ئارتۇق) جەھەتتە بولسۇن، ياكى كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى (600 مىڭدىن ئارتۇق) جەھەتتە بولسۇن، ئامېرىكا ھەممىسىدە دۇنيا رېكورتىنى يارىتىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «چېمپىيون» بولدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا يەنە ۋىرۇسنىڭ كېڭىيىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، باشقا دۆلەتلەردە يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى»نى يولغا قويۇپ، ۋاكسىنىنى بۆلۈپ تارقىتىشتىن پايدىلىنىپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇندى؛ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بويىچە ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتە جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىدى.
كىشىلەر شۇنى بارغانسېرى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىكى، ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى باشقۇرالماي، تىزگىنلىيەلمەيلا قالماستىن، يەنە ھېچقانداق چېگرادىن چىقىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللانماي، ۋىرۇسنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا كېڭىيىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، «يەر شارى بويىچە يۇقۇمنى كېڭەيتكەن بىرىنچى دۆلەت»كە ئايلاندى. 2020 - يىلى 4 - ئايدىن 2021 - يىلى 3 - ئايغىچە، ئامېرىكا پۇقرالىرى جەمئىي 23 مىليون 195 مىڭ قېتىم دۆلەتتىن چىقىپ، ئاياق ئىزىنى پۈتۈن يەر شارىدا قالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ چوققا قىممەت مەزگىلى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتتىن چىقىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن ئۈستىلىنىپ كەتتى. بۇ، كىشىگە ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدە كېڭىيىشىدە باش تارتقۇسىز مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى زور كۆلەمدە قايتۇردى. بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر قايتۇرۇۋېتىلگەندە ھەم ئايرىپ كۆزىتىش مەزگىلى ئۆلچىمىگە يەتمىگەن، ھەم خېسۈەن تەكشۈرۈشى قىلمىغان بولۇپ، بۇ، ئاشۇ قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەردە تۇيۇقسىز ئامېرىكىدىن كەلگەن سىرتتىن كىرىش تىپىدىكى ئاغرىق مىسالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت سىرتىدا يەنە نۇرغۇن ھەربىي بازىلىرى بار، ھالبۇكى بۇ تۇرۇشلۇق قىسىملار ھەمىشە شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلماي، ئارام ئېلىپ سىرتقا چىققاندا چوڭ كۆلەمدە توپلىشىپ، ھەم ماسكا تاقىماي، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان.
كىشىلەر بارغانسېرى شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىكى، ئامېرىكا «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى»نى يولغا قويۇپ، «ئىممۇنىتېت ھاڭى»نى پەيدا قىلىپ، يەر شارىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاپ»، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى ئېغىر قالايمىقان قىلدى. ۋاكسىنا ئەملەش ئومۇملاشتۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامېرىكا كۆپ مىقداردىكى ۋاكسىنىنى بېسىپ قويۇپ، ئېغىر ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گەرچە نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋاكسىنا كەمچىل بولۇش، يۇقۇم كېڭىيىپ كېتىشتەك كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالدى، ئامېرىكىنىڭ ۋاكسىنا ئېكسپورتى ئىزچىل ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %1ىگە يەتمىدى. ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلغاندىمۇ ئامېرىكا پەقەت ئۆزى تىزگىنلىمەكچى بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىلا سىمۋوللۇق ھالدا تەمىنلىدى، بۇ ھېچنېمىگە دال بولالمىدى، لېكىن يەنىلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ سەۋەبلىك ئۆزىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا مىننەتدار بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. خەلقئارا ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى رەت قىلغاندىن سىرت، ئامېرىكا يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقتى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى دەپ قارالدى. بايدېن ھۆكۈمىتى گەرچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قايتا كىرىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا بۇنىڭ پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداش ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۆزىگە تارتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
كىشىلەر بارغانسېرى شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتىكى، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر يۇقۇمنى تىزگىنلەشنىڭ چارىسىنى ئىزدىمەي، ئەكسىچە ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش، ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى قاتارلىق ئىلمىي مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئەسلىدە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئاپىتىنى بىر مەيدان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچىمىگەن قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، قەستەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» «جۇڭگو ۋىرۇسى» قاتارلىق قارىغا ئېلىش نىشانى تۇرغۇزۇپ، زىددىيەتنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى جۇڭگوغا قارىتىشقا ئۇرۇندى. ئەمەلىيەتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا ھايۋانات سەھىيە تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق - يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى 2015 - يىلىلا، كېسەللىك نامىدا جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ئادەم ئىسمى، ھايۋانات ياكى يېمەكلىك تۈر توپى، ھەمدە زىيادە ساراسىمىگە قۇترىتىشى مۇمكىن بولغان ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. لېكىن ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى بۇنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالدى. بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يۇقۇم مەسىلىسىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ گۇناھنى ئىتتىرىپ قويۇش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلدى، بۇنىڭدىكى قىسمەن سەۋەب ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەلۇم «ئورتاق تونۇش»قا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر: ئۇ بولسىمۇ، يۇقۇم ئەھۋالى ئاللىقاچان كونتروللۇقنى يوقاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى كىمنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇقۇمنى يەنىلا تىزگىنلەشكە ئامالسىز، شۇنداق بولغان ئىكەن بارلىق «تىرىشچانلىق»نىڭ ھەممىسىنى بىراقلا باشقىلارنىڭ كاساپىتىگە قالغۇچىنى ئىزدەشكە مەركەزلەشتۈرسەكلا بولمىدىمۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەسلىدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئىپتىدائىي ۋىرۇسنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ يەنە ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ھالبۇكى، ترامپ ھۆكۈمىتىدىن بايدېن ھۆكۈمىتىگىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش بىلەن شۇغۇللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىپ، ۋىرۇسنى ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كەتكەن دەپ تەسۋىرلىمەكچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار «مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش تېررورىزمى» بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىگە تەھدىت سېلىشتىن يانمىدى، «تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كېتىش سەپسەتىسى»نى ئىنكار قىلغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ سەۋەبلىك تور زوراۋانلىقى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە ھەتتا جىسمانىي تەھدىتكە ئۇچرىدى. بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سۈيىنى ئالماشتۇرۇپ دورىسىنى ئالماشتۇرماي، ئاخبارات ئاپپاراتلىرىغا «ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كېتىش» ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرتكۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى پۈتۈنلەي بىر چەتكە قايرىپ قويدى. بۇ خىل ئۇسۇل كىشىلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشتىن ئىلگىرىمۇ، ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ئىراقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىق ئىسپاتىنى بايقىدى دەپ جار سالغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېلنىڭ ئاق پاراشوكسىمان نەرسە قاچىلانغان بىر كىچىك پىروبىركىنى كۆتۈرگىنىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىپ ئىسپات بەرگەنلىكىنى ئىختىيارسىز ئەسلىتىدۇ. «كىر يۇيۇش پاراشوكى»نى «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال»نىڭ ئىسپاتى قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىش ئاللىبۇرۇن خەلقئارا سەھنىدە كۈلكىگە ئايلىنىپ بولغان. ھازىر، بايدېن ھۆكۈمىتى يەنە كونا ئويۇننى قايتا ئوينىماقچى بولۇۋاتىدۇ، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى جۇڭگونى توسۇش، بېسىش ۋاسىتىسى قىلىش مۇقەررەر ھالدا دۇنيانىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ.
ھازىر، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باش ۋەزىپىسى. بۇ مەيدان يۇقۇم بىزگە يەنە بىر قېتىم شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، ئىنسانلار باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدۇ، تەقدىرى ئۆزئارا باغلانغان. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلىشنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا قىلچە ياردىمى يوق، پەقەت خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قالايمىقان قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور زىيان يەتكۈزىدۇ، خالاس. دۇنيا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئازغان يولدىن قايتىشقا چاقىرماقتا.
(ئاپتور تەيخې ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى)
(8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى «نۇر گېزىتى»گە بېسىلغان)