تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئامېرىكا «يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان بىرىنچى دۆلەت» بولۇشقا مۇناسىپ

− ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

«ھازىر ئېرىمنى ECMO (سۈنئىي ئۆپكە) بار دوختۇرخانىغا ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس» دېدى ئامېرىكىلىق ئايال سۇسان ۋوك ئىنتايىن تەشۋىشلەنگەن ھالدا. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئۇ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بارلىق دوختۇرخانىلارنى دېگۈدەك ئىزدەپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئېغىر ئاغرىغان ئېرىگە ئىشلەتكۈدەك بىرمۇ ECMO تاپالمىدى.

ھازىر، ئامېرىكا 4 - قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۆرلەش مەزگىلىگە كىردى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئامېرىكىدا كۈنىگە ئوتتۇرىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 118 مىڭدىن ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇرىچە يېڭىدىن كۆپىيىپ كېسەلخانىدا ياتقانلار 66 مىڭدىن ئاشقان، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلار ئاغرىق بىلەن لىق توشۇپ كېتىشكە ئازلا قالغان. شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگە قەدەر، پۈتۈن ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 36 مىليوندىن ئېشىپ، ئۆلگەنلەر سانى 610 مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولدى.

ئېغىر رېئاللىق شۇكى، پېڭبو ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئامېرىكىنى «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا يەر شارى بويىچە بىرىنچى» دەپ باھالاپ رەتكە تۇرغۇزغانلىقى كىشىگە ئىنتايىن مەسخىرىلىك تۇيۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يەنە، جۇڭگودىكى ئۈچ ئاقىللار ئامبىرى يېقىندا بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا بايان قىلغان پاكىتنى دەلىللىدى: ئامېرىكا «يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان بىرىنچى دۆلەت» بولۇشقا مۇناسىپ.

بۇ «<ئامېرىكا بىرىنچى>؟! ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» ناملىق تەتقىقات دوكلاتىدا، تەتقىقاتچىلار تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ ۋە ئوبيېكتىپ مەيداندا تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەينەن سۈرەتلەپ، يېتەرلىك داۋالاش بايلىقى ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مۇكەممەل سىستېمىسىغا ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ قانداق قىلىپ يۇقۇم ئالدىدا بىر پەشۋاغىمۇ يارىماي قالغانلىقىنى دۇنياغا ئېچىپ بەردى.

ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋاقىت سىزىقىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، ھوقۇقدارلارنىڭ سىياسىي مەنپەئىتىنى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانلىقى ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ سەۋەب.

يۇقۇم يۈزبەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپلا، يۇقۇم ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە كۈچ سىنىشىدىغان قورالى ۋە سودىلىشىدىغان فىشكىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى يۇقۇم ئاگاھلاندۇرۇشىغا قايتا - قايتا سەل قاراپ، يۇقۇم خەۋپ - خەتىرىنى قەستەن ئاجىزلاشتۇرۇپ ئىپادىلىدى؛ شۇ چاغدا ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن زېھنىي كۈچىنى «ۋالاقلاش»قا سەرپ قىلىپ يۇقۇمغا ئەمەلىي تاقابىل تۇرمىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىدا يامرىشىغا ئەگىشىپ، خېسۈەن تەكشۈرۈش، ماسكا تاقاش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقى ساقلاشتىن ۋاكسىنا ئۇرۇش، قىيىنچىلىقتىن جىددىي قۇتقۇزۇش قانۇن لايىھەسىگىچە ئاساسىي جەھەتتىن ھەربىر يۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىگە پارتىيە - گۇرۇھلار تەرىپىدىن سىياسىي تىزگىن سېلىندى. بۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۆزنەك مەزگىلىنىڭ بىر - بىرلەپ ئۈزلۈكسىز قولدىن كېتىشىنى، «ئەسلىدە ئۆلۈشى بىھاجەت» بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر - بىرلەپ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

سىياسىي ھوقۇق ھەممىدىن ئەلا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز − بۇ خىل ئامېرىكىچە رەھىمسىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش لوگىكىسى بىر قاتار ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان مەشغۇلاتلارنى پەيدا قىلدى. شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى توغرىسىدىكى يالغان ئۇچۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تارقاتقۇچىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىن تارتىپ راست سۆزلىگەن ئالىملار ۋە كەسپىي زاتلارنى بېسىشقىچە؛ ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدىكى سۇيىقەستلىك سەپسەتىنى تارقىتىپ «گۇناھ»نى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشتىن تارتىپ ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە «جىنايىتى بار دەپ قىياسەن بېكىتىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقىچە، ھەتتا ۋىرۇسنىڭ سىرتقا چىقىپ پۈتۈن يەر شارىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىگە يول قويۇشقىچە، ئامېرىكىنىڭ «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سېنارىيەسى» بارغانسېرى بىمەنىلىشىپ تېمىدىن چەتنەپ كەتتى.

ئىچكى جەھەتتە يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالدى، تاشقى جەھەتتە يەر شارىۋى ھەمكارلىقنى بۇزدى − ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ «دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەت»نىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى: بۇ مەيدان يۇقۇم تەبىئىي ئاپەت، شۇنداقلا بىر مەيدان سۈنئىي ئاپەت. ئامېرىكا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى مۇتەخەسسىسى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ سابىق مەسئۇلى ۋىليام فوگنىڭ «بۇ بىر مەيدان قىرغىنچىلىق!» دەپ بىۋاسىتە ئەيىبلىشى، ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ بۇلتۇر 6 - ئايدىلا ماقالە ئېلان قىلىپ «بىز بىر مەغلۇپ بولغان دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز» دەپ ھەسرەت چەككەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

ۋىرۇس سىياسىي بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئەگەر ئاق ساراينىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى ئۆزگەرتىش قىلمايدىكەن، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ مەيدان «ئامېرىكا تىراگېدىيەسى» توختاپ قالمايدۇ. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تاكى بۈگۈنگىچە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا سەل قارايدىغان سىياسىي نەيرەڭۋازلىق يەنىلا داۋاملاشماقتا، بىر مەيدان غايەت زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى يەنىلا ئامېرىكا زېمىنىدا يامرىماقتا. بۇنداق بولۇشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتىنىڭ شەرمەندىلىكى، شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقىنىڭ بەختسىزلىكى!

(«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.