تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەجرىبە، ئۇسۇللار ئالماشتۇرۇلۇپ، مەسىلىلەر - كەمتۈكلۈكلەر تەھلىل قىلىنىپ، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىدىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بېسىمنى سىجىل يەتكۈزۈپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تىزىملىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك؛ كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كېرەك؛ ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ مېخانىزمنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يۇقۇم مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا، بەش ئورۇن ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.