تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا تاشيوللىرىنى يېزا - كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېچىلغان «<تۆتتە ياخشى يېزا يولى> قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 146 مىڭ 800 كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يەتكەن، بۇ «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن 30 مىڭ كىلومېتىر كۆپىيىپ، %26 ئاشقان، ناھىيە بازىرىنى مەركەز، يېزا - بازارلارنى تۈگۈن، ئىشتاتلىق كەنتلەرنى تور نۇقتىسى قىلغان يېزا تاشيول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، يېزا تاشيولىنى يېزا - كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن نەپ ئالغان ئاھالە 9 مىليون 330 مىڭغا يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 869 يېزا - بازار ۋە شارائىت ھازىرلىغان 9133 ئىشتاتلىق كەنتتە %100 قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلۇش، ئاپتوبۇس قاتناشتىن ئىبارەت «ئىككىنى راۋانلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 81 مىڭ 900 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش تاماملانغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دەرىجىدىن يۇقىرى تاشيول مۇساپىسى ۋە يول يۈزىنى ياتقۇزۇش مۇساپىسىنىڭ يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %89.5، %80.1كە يېتىپ، «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 12.8، 22.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، يول تورى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. ناھىيە، يېزا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى، ھاياتلىقنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىن جەمئىي 43 مىڭ 598 كىلومېتىر تاماملىنىپ، بىخەتەر ئاپتوبۇس قاتناش تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغان يول ئۇلى، يول يۈزى تار تاشيوللار مۇۋاپىق كېڭەيتىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىنغان.

ئاپتونوم رايونىمىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يول بىلەن كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، 5849 كىلومېتىر كېلىدىغان بايلىق يولى، ساياھەت يولى، خاس كەسىپ يولى بەرپا قىلىپ، «قاتناش+خاس كەسىپ» «قاتناش+يېزا - كەنت ساياھىتى» تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلاردا «بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرىدىغان، ناھىيەنى ئاساس قىلغان، يېزا - كەنتلەر ماسلىشىدىغان» يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە «ناھىيە ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ساھەلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان» يول ئاسراش خىزمىتى مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، يېزا تاشيولىنى ئاسراش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش نىسبىتى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، %86.8كە يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گو شېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا تاشيولى يىرىك پىلانىدىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 28 مىڭ 600 كىلومېتىر، 33 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، 25 مىڭ 240 كىلومېتىر كېلىدىغان كەنت يولىدا بىخەتەرلىكنى، ھاياتلىقنى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.