تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى خۇاديەن شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى مەركەزلىك كونترول قىلىش مەشغۇلات سۇپىسىدا تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈپ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتاتتى. نۆۋەتتە، شەرقىي جۇڭغاردىكى 14 ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىسى ئىچىدە، 11 ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۈچ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ بازا، بىر يول»نىڭ ئورنىنى بەلگىلەشنى چۆرىدەپ، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى

«2011 - يىلى، كارخانىمىز شەرقىي جۇڭغارغا ماكانلىشىپ، باغچە رايونىدىكى تۇنجى توك تارقىتىش كارخانىسىغا ئايلاندى. بۇ بىرقانچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بىز ئەسلىدىكى 1 - قارارلىق ئىككى گۇرۇپپا گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئاساسىدا، 2019 - يىلى يەنە 2 - قارارلىق ئىككى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2 مىليون 20 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى» دېدى خۇاديەن شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە باش مۇدىرى گو شياۋيۈەن.

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدا ھازىر بار بولغان 11 ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت بۇ يىل 7 - ئايغا قەدەر، 6 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك تارقىتىشنى تاماملىدى.

ئومۇمىي گەۋدە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەرقىي جۇڭغارنىڭ توك تارقىتىش مىقدارى 57 مىليارد 940 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.9 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوت كۈچى بىلەن توك تارقىتىشنىڭ %31.6ىنى ئىگىلەپ، توك تارقىتىش مىقدارى جەھەتتە تارىخىي يېڭى رېكورت ياراتتى.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنپىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىغا جايلىشىشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ رايوننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقداردا ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.8 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %25.5ىنى ئىگىلىدى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شەرقىي جۇڭغارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار كۆلىمى تەدرىجىي زورايدى، ھازىرغا قەدەر قۇرۇلۇپ بولغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 20 مىليون 650 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم ئوت كۈچى بىلەن توك تارقىتىش بازىسىغا ئايلاندى.

شەرقىي جۇڭغار بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولغان قومۇل شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۈچ بازا، بىر يول» «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر بازىسى ۋە مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيە بازىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقتى.

«بۇلتۇر، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.34كە يەتتى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپى شەھىرىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى، شۇنداقلا يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تايانچ كۈچ بولۇپ قالدى» دېدى قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇي.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە توك تارقىتىش مىقدارى 224 مىليارد 930 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئاشقان.

ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال قۇرۇلمىسى ئەلالاشتى

قاغىلىق ناھىيەسىدە بۇ يىل 50 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تۈرى قۇرۇلىدۇ، بۇ تۈرنىڭ يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ تۈر خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

ھازىرغا قەدەر، خۇاديەن شىنجاڭ شىركىتىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 17 مىليون 690 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەڭشىگەن ئاممىۋى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ %32ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ توك تارقىتىش، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى، شۇنداقلا ھازىر شىنجاڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر شامال، يورۇقلۇق، سۇ، ئوت ئېنېرگىيەسى، زاپاس ئېنېرگىيە قاتارلىق كۆپ خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى بىر گەۋدىلەشكەن ئېنېرگىيە كارخانىسى.

«بۇ يىل كارخانىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز تىپ ئۆزگەرتىش بولدى. بىر تەرەپتىن، ھازىر بار بولغان كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ پاكىز تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ھەممىسىدە پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش، پاكىز توك چىقىرىش، پار بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، <شىنجاڭدا خۇاديەن ئىستراتېگىيەلىك پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش> بويىچە ئورۇن بەلگىلەشنى چۆرىدەپ، <يېشىل ئېنېرگىيە ھەرىكىتى>نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىمىز» دېدى خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور چاڭ جياشىڭ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ شىركەت يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى كۆلەملەشتۈرۈپ، بازىلاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ ئېچىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، «مەنبە تورى، ئېنېرگىيە ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى + زاپاس ئېنېرگىيە» پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى.

خۇاديەنگە ئوخشاشلا دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمۇ يېڭى ئېنېرگىيەنى شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلدى.

بۇ شىركەتنىڭ پىلان - تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانا پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يورۇقلۇق بايلىقىغا ئېرىشىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، سۇ ئېلېكتىر بايلىقى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بايلىقىدىن ماس پايدىلىنىشنى يولغا قويۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ كۆمۈر كەسپى بىلەن گىرەلىشىشى، سۇ ئېلېكتىر كەسپىگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پاكىز تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى مايتاس 3 - قارار 49 مىڭ 500 كىلوۋاتلىق، سەنتەي 2 - قارار 49 مىڭ 500 كىلوۋاتلىق ئىككى شامال ئېلېكتىر تۈرى، ھەمدە ئارشاڭ 50 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى توك چىقىرىش تۈرى ۋە گەنچۈەنباۋ سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئاشۇرما توك تەقسىملەش تورى تۈرىدە ئىش باشلىدى، بۇ تۆت تۈرنىڭ يىل ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئېلېكتىر تورىنىڭ جايلىشىشى تېزلىتىلدى

قومۇل ۋە شەرقىي جۇڭغار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان ئىككى يولنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈستىگە ئالغان.

پۈتۈن شىنجاڭدا ھازىر شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (شىنجاڭ سانجى - ئەنخۇي گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش)، قومۇلنىڭ جەنۇبى - جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (قومۇل - جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش) ۋە 750 كىلوۋولتلۇق ئىككى ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت چوڭ يولنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە، «بىر تۇراقلىق، ئىككى ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزىدىغان» شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئۈچ يول قومۇل شەھىرىگە جايلاشقان. نۆۋەتتە، قومۇل - جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يانداش توك مەنبەسى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 15 مىليون 700 مىڭ كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى، سىرتقا يېڭى ئېنېرگىيە يەتكۈزىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك تارقىتىشتا ئىگىلىگەن نىسبىتى %58كە يەتتى. بۇ شەھەرنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈش مىقدارى 2015 - يىلىدىكى 28 مىليارد 915 مىليون كىلوۋات سائەتتىن 2020 - يىلىدىكى 56 مىليارد 827 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.6 ئاشتى.

«<13 - بەش يىل> مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى يانداش توك مەنبەلىرىنىڭ كەينى - كەينىدىن پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېگىزلىك ئېففېكتى تەدرىجىي گەۋدىلەندى، ھازىر پۈتكەن شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 6 مىليون 600 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ %32ىنى ئىگىلىدى، شەرقىي جۇڭغاردىكى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ توك تارقىتىش مىقدارى شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %58.3ىنى ئىگىلىدى» دېدى رېن جيەنپىن.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە بىخەتەر يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 750 كىلوۋولتلۇق غول لىنىيە ئايلانما تورىنى داۋاملىق تولۇقلاپ كۈچەيتتى. 750 كىلوۋولتلۇق چوڭ ئېلېكتىر تورى جەنۇبتا خوتەن ۋىلايىتىگىچە، شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتىگىچە ئۇزارتىلدى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىغا ئايلىنىپ، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىشەنچلىكلىكى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئېلېكتىر تورىنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستى.

«يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ پايدىلىنىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بىز جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيە + زاپاس ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويدۇق. زاپاس ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە بۇلۇت سۇپىسى جەمئىي 578 يېڭى ئېنېرگىيە مەيدان - پونكىتىغا ئۇلاندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارىدىن بىر تەرەپ قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىنىپ 37 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتنى، پايدىلىنىش نىسبىتى %93.7كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

«ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئىستېمال ئۇچى بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىز شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى پىلانلاش، تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش يولى ۋە ئاساسىي تور رامكىسىنى قايتا قۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق نىشانلارنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىمىز» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.