تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مۇزلۇقتىن «بېيىش بۇلىقى» ئېقىپ چىقتى

ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىنىڭ بىر بۇرجىكى (7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تارتىلغان). □جەي رۇزېڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئويتاغ بازىرىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقىپ 20 نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن ئويتاغ تاغ ئېغىزىغا كىرگەندە، يىراقتىكى ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. تاغنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلىگەندە، ئېرىقتا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شارقىراتمىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، سۇنىڭ شارىلدىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

يول بويى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىلگىرىلىدۇق، مەرۋايىتتەك جىغان مېۋىسى جىغان دەرەخلىرىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئوت - چۆپلەر يىراقتىكى تاغ ئورمىنى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ياۋا توشقان، تۈلكىلەر توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى... ئىناق تەبىئىي يۆگىمە رەسىم بۇ يەرگە يېيىلغانىدى.

«بۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىمىز، ئېكولوگىيە ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدالدى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتتى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرمۇ شادلىق باغچىسىغا ئىگە بولدى، بۇ يەر يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى گۆھەر ماكانغا ئايلاندى» دېدى ئويتاغ دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇي.

قوغداشنى ئالدىن يولغا قويۇش، كەلگۈسىنى يارىتىش

8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئەتىگەندىلا، ئورمان قوغدىغۇچىسى كىيىمىنى كىيىپ، تاغقا چىقىش ھاسىسىنى ۋە باشقا جابدۇقلارنى تولۇق ئالدى.. مەمەت ئوسمان بىر كۈنلۈك تاغنى چارلاپ ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. گەرچە ھەر كۈنى ئون نەچچە كىلومېتىر تاغ يولىدا مېڭىشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن مەمەت ناھايىتى خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇ، بۇ خىزمەتنىڭ ئۆزى ۋە يۇرتىغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەمەت ئويتاغ دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى چېلىچ باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقلىقىدىن ئويتاغ دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى چېلىچ ئورمان رايونى تەۋەلىك رايونىنىڭ ئورمان باشلىقى بولۇپ، دۆلەت ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغاندىن كېيىنكى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئورمان باشلىقىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

«مەن كىچىك ۋاقتىمدا بۇ تاغدا پەقەت ئاندا - ساندا دەل - دەرەخلەر بار ئىدى، شۇنداقتىمۇ بەزى كىشىلەر دائىم دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كېسەتتى، قاتتىق يامغۇر ياغسىلا كەلكۈن كېلەتتى» دېدى مەمەت كۆز ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن ئورمانلىققا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئويتاغ مۇزلۇقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، 2011 - يىلىدىن باشلاپ، ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى دۆلەت تەبىئىي ئورماننى قوغداش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلدى، دەل شۇ يىلى، مەمەتمۇ ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى. ئون يىل قوغداش ئارقىلىق، ئويتاغ دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە قاراشلىق ئورمان رايونى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نۇقتىلىق ئورمان رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، مۇھىتى ئەڭ مۇكەممەل، ئېكولوگىيەنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مەركەزلەشكەن تەبىئىي ئورمان ئاساس قىلىنغان دۆلەت ئورمان رايونى بولۇپ قالدى.

«تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەبىئىي ئورماننى كېسىش ئومۇميۈزلۈك توختىتىلىپ، سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئورماننى پەرۋىش قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئورمان يېپىنچىلىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئورمان زاپىسى يىغىندى مىقدارى ھەر يىلى %0.42 بىلەن تەدرىجىي ئېشىپ، ئورمان بايلىقى سىجىل ئاشتى» دېدى جاڭ خۇي.

ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتتى

«ھازىر دەل - دەرەخلەر كۆپەيدى، مۇھىت ياخشىلاندى، ھايۋانلار كۆپەيدى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولدى» دېدى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئويتاغ بازىرى پىلال كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇرېقىپ.

تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئويتاغ مۇزلۇقى ئەتراپىدىكى مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى. ياز كېلىشى بىلەنلا، ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى مەنزىرە رايونىدا دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان، ئوت - چۆپلەر ياپيېشىل ئۆسۈپ، گۈزەل مەنزىرە ساياھەتچىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ، ئابدۇرېشىت بۇنىڭدىكى سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، كەنتتە بىر دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. ئابدۇرېشىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە ھەرئايدا 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن.

ئابدۇرېشىت پەقەت ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئۆگىنىشكە، ساياھەتكە ماس كېلىدىغان، ئىستىراھەت - كۈتۈنۈشكە ماس كېلىدىغان، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، خاسلىقى روشەن بولغان بىر تۈركۈم چۆل - باياۋان ئېكولوگىيە كەسىپلەر باغچىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت ئېچىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، ئېكولوگىيە ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كەسىپ قۇرۇلۇشىنىڭ زىچ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ماركىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىنىڭ مەسئۇلى تەۋەككۇلاخۇن مەمەت ئەيسا مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى 31 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونى ئەتراپتىكى ئىككى كەنتتىكى 1000دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئۆيلىرىدىن پايدىلىنىپ بەس - بەستە پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق تىجارەت ئەمەلىي گەۋدىلىرىنى ئاچتى، كەسىپكار ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ئوتتۇرىچە 50 مىڭ يۈەن ئاشتى.

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدە يىلتىز تارتتى

ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى ئىچىدە ماڭغاندا، ھەرۋاقىت ئۇلار، ئاق بوغۇز بۆكەن، تاغ ئۆچكىسىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن، جىغان، قارىقات، قانتېپەر، موگۇ قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. يىراقتىكى تاغدا، ھەربىر تاغ ئېغىزىدا دېگۈدەك شارقىراتما بولۇپ، ئۆزگىچە مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلانغان.

«ئىلگىرى بۇ يەردە ئەڭ داڭلىق بولغىنى <ئۈچ كۆپ> ئىدى: شامال كۆپ، قۇم - بوران كۆپ، تاش كۆپ؛ ھازىرمۇ <ئۈچ كۆپ> بار: دەرەخ كۆپ، مەنزىرە كۆپ، كىرىم كۆپ.» جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىدىن بولدى.

يېقىن ئەتراپتا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان ئويتاغ بازىرى ئاتئويناق كەنتىنىڭ ئاھالىسى گۆھەر تۇرغاننىڭ كۆزقارىشىمۇ بۇ قاراشنى دەلىللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان تىجارەتچىلەر مەيلى قەيەرگە بارسۇن، مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى قاتارلىق ئەخلەتلەرنى كۆرسىلا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېرىپ ئەخلەت تۇڭىغا تاشلايدۇ. «پەقەت مۇھىت ياخشىلانسا، بىزنىڭ سودىمىز ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ» دېدى گۆھەر كۈلۈپ تۇرۇپ.

تەۋەككۇلاخۇن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقى قاتارلىق كۆزگە چېلىقىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە مۇھىت قوغداش ئەسكەرتىش تاختىسى ئورناتتۇق، ساياھەت يېتەكچىسىمۇ مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىن بۇرۇن ساياھەتچىلەرگە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىنىڭ مۇھىتى تەسىرگە ئۇچرىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بارغانسېرى گۈزەللەشتى.

«ئىشىنىمىزكى، ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىدىكى تاغلار مۇشۇنداق يېشىل، سۇلار مۇشۇنداق سۈزۈك بولىدۇ، بىز ئەۋلادلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇزلۇق باغچىسى قالدۇرىمىز» دېدى تەۋەككۇلاخۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.