تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى تېخنىك خادىملار 160 مىڭدىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «تېببىي ئىلىمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە مۇقەددەسلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيمىز ۋە ئاسرايمىز، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، مېھرىبان بولىمىز، ئاغرىقلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىمىز...» 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا يېڭىدىن ئۇنۋان ئالغان ۋىراچلار مۇشۇنداق تەنتەنىلىك قەسەم بەردى، يەنە بىر تۈركۈم ياش دوختۇرلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىراچلار سېپىگە قوشۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 163 مىڭ 200 داۋالاش - سەھىيە تېخنىك خادىمى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي(ياردەمچى) ۋىراچ 59 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ۋىراچلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپكارلارنى باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش - تەربىيەلەش، مالىيە سېلىنمىسى، تەمىنات كاپالىتى، مۇكاپاتلاش - تەقدىرلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى.

مۇنەۋۋەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز مېدىتسىنا ماگىستىرلىق كەسپىي ئۇنۋانى ئاسپىرانتلار مائارىپىنى كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاش بىلەن ئوقۇتۇشنى ماسلاشتۇرۇپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كۆپ يوللار بىلەن تولۇقلىما مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق كەنت دوختۇرلىرىنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ زاكاز بويىچە نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، كەنت دوختۇرلىرى قوشۇنىنى زورايتتى؛ ياشانغانلار كۈتۈنۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت دوختۇرلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى؛ كەنت داۋالاش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلىدى؛ كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سەھىيە مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ «ناھىيە، يېزا بىر گەۋدىلەشكەن، يېزا، كەنت بىر گەۋدىلەشكەن» مېخانىزم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 898 يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، 8602 كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەممە كەنتتە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرى بار بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.