ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلغان بولۇپ، 25 مىليارد 940 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان، بۇ، پۈتۈن يىللىق پىلاننىڭ %53.5ىنى ئىگىلىگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى تۈرى، ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەت بالىلار رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرى، ئالتاي جىكبېلېڭ دۆلەت قار - مۇز ساياھەت بازىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق 29 مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش نىسبىتى %55تىن يۇقىرى بولدى. ئالتاي شەھىرىنىڭ جياڭجۈن تېغى يېزا - كەنت ساياھەت ئۇل ئەسلىھە تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تۈرى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ خۇالىڭ كالىچىلىق كەسپى يېزا - قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي تۈرى قاتارلىق 23 خەلق تۇرمۇشى تۈرىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2021 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردىن جەمئىي 93 تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئومۇمىي سېلىنما 292 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، 48 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان، بۇلار پەن - تېخنىكا - مائارىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، سەھىيە - تەنتەربىيە، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش، دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق - چارۋىچىلىق، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.