تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇم دېڭىزى «ئالتۇن ماكان»غا ئايلاندى

مەكىت ناھىيەسىدىكى مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بازىسىنىڭ بىر بۇرجىكى (8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى مەكىت ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن بەش كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيەلىك ئورمان بازىسىغا كېلىپ، ئېگىزلىكتە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى، كۆز يەتكۈسىز يەردىكى يۇلغۇن، ئاق تېرەك، سۆكسۆكلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، قاتار - قاتار رەتلىك سەپ تۈزۈپ، كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ، قۇم - بوراننى توسۇپ، يۇرت - ماكاننى قوغداپ تۇراتتى.

مىڭ يىللاردىن بۇيان قۇم بىلەن قاپسىلىپ كەلگەن مەكىتلىكلەر ئون يىل ئىچىدە مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىشتەك باتۇرلۇقى ئارقىلىق، 410 مىڭ مو قۇملۇققا يېشىل لىباس كىيدۈردى. مەكىتلىكلەر قۇمنى چېكىندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە قۇملۇق ئورمان يېرىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش پايدىغا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇملۇقنى «ئالتۇن ماكان»غا ئايلاندۇردى.

قۇملۇقتا يېشىللىق بەرپا قىلىندى   ئادەم قۇمنى چېكىندۈردى

مىڭ يىللاردىن بۇيان قۇملۇق ئۈزلۈكسىز جەنۇبقا كېڭەيگەنلىكتىن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئۈچ تەرىپى قۇم بىلەن قورشىلىپ قالغان، پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90ىنىڭ ھەممىسى قۇملۇق بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز ئىدى.

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن تاۋا كېسسىك كەنتىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى قۇم - بوراننىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقانىدى. ھەر قېتىم قۇملۇقتا بوران چىقسا، ئىشىك - دېرىزىلەرنى چىڭ تاقىغان بىلەنمۇ قۇمنىڭ يەنىلا كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق ئىدى. بوران توختىغاندىن كېيىن، ئۈستبېشىنى توپا - چاڭ باسقان كەنت ئاھالىلىرى ئاۋۋال قۇم بىلەن توسۇلغان ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرىپ ئاچاتتى، ئاندىن قازاندىكى، چىنە - قاچىلاردىكى، ئۈستەل ئۈستىدىكى قېلىن بىر قەۋەت قۇم توپىنى تازىلايتتى...

كەنت ئاھالىسى ئابلا ئەمەتنىڭ قۇم - بورانغا بولغان ئەسلىمىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى: «كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىر قېتىم قۇم - بوراندا ئۆينىڭ يېرىمى دېگۈدەك كۆمۈلۈپ كەتكەنىدى. يەكەن دەرياسى ئەسلىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، لېكىن كۆپ قېتىم يولى ئۆزگىرىپ كەتكەچكە، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيى قالماي، ئامالسىز كۆچۈپ كېتىشىمىزگە توغرا كەلدى.» قۇم ئادەمنى چېكىندۈردى، تۆۋەن تاۋا كېسسىك كەنتىدىكىلەر قايتا - قايتا ئۆي كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.

ناچار تەبىئىي مۇھىت شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. 2012 - يىلى كۈز پەسلىدە، مەكىت ناھىيەسى قۇم - بوراننى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قۇملۇق گىرۋىكىدە مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيەلىك ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. شۇ يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز ئىككى پەسىلدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئامما ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قۇملۇق گىرۋىكىگە يىغىلىپ، ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ، ئۇدا بىر - ئىككى ئاي ئىشلەپ، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش روھى بىلەن، قەدىمىي قۇملۇقتا ئورەك كولاپ، توپا ئالماشتۇرۇپ، دەرەخ تىكىپ، ئورمان بىنا قىلدى.

ئون يىلدىن بۇيان، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، مۇۋاپىق يەرگە مۇۋاپىق دەرەخ تىكىش» ۋە ئېكولوگىيە، ئىقتىسادقا تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، مەكىت ناھىيەسى قۇملۇققا شىنجاڭ تېرىكى، پىندىق ياڭىقى، جىگدە، جىغان، توغراق، يۇلغۇن، سۆكسۆك، ئالما قاتارلىق تۈرلۈك ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىساد دەل - دەرىخىدىن 220 مىليون تۈپ تىكىپ، جەمئىي 410 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلدى، ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

10 مىڭ مو يەرگە يېشىل ئۆسۈملۈك تېرىلىپ، مەكىت ناھىيەسى ناھىيە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئون يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، قۇم - بورانلىق ھاۋا رايى يېرىم ھەسسە ئازايدى، ھۆل - يېغىن مىقدارى بىر قاتلاندى، قۇم - بوران ۋە چاڭ - توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئىلگىرىكى تەستە ئۇچرايدىغان جەرەن، ياۋا تۇڭگۇز، تۈلكە، سېرىق سوپىسوپىياڭ، ئاققوتانلار ئورمانلىقنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندى، ياۋا توشقان، قىرغاۋۇللار تېخى ئورمانلىقنى ماكان قىلدى، قۇم - بوراننىڭ بوستانلىقنى خورىتىش ھەيۋىسى ئۈنۈملۈك چەكلىنىپ، شەھەر ۋە كەنتلەر تېخىمۇ پاكىز، گۈزەل تۈسكە كىردى.

ئورمان ئارقىلىق ئورمان بېقىلدى   ئورمان ئارقىلىق بېيىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 8دە، قۇمقۇسار يېزىسى قۇمبوستان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەن مەمەت سايمانلىرىنى كۆتۈرگىنىچە، بىر كۈنلۈك ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.

«دەرەخ تىكىش باشلانغان شۇ يىلىلا، مەن بۇ خىزمەتنى قىلىشقا باشلىغانىدىم.» ھەسەن مەمەتنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغىنىغا ئون يىل بولاي دېگەن بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق ئورمان رايونىدىكى ھەربىر دەرەخ ئۇنىڭغا ئىنتايىن تونۇش ئىدى. ئۇنىڭ خىزمىتى ئورمان رايونىنىڭ سۇغىرىلىش، ئوغۇتلىنىش ئەھۋالى ھەمدە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ بار - يوقلۇقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇش - مۇھاپىزەت قىلىشى ئارقىسىدا، ئورمان رايونىدىكى دەل - دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى.

ھەسەن مەمەتنىڭ ھەر ئايلىق مۇقىم مائاشى 3800 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئورمان رايونىنى يىلدا بىر قېتىم ئوغۇتلاش، دورا چېچىش، دەرەخ شاخلىرىنى چاتاش، توشقانزەدىكى تېرىش - كولاشتىنمۇ پۇل تاپالايدىكەن، بىر يىلدا 50 - 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن.

«بۇ ئورمانلىق بولغاچقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، قۇم - بوران ئازايدى، ھۆل - يېغىن كۆپەيدى، مېنىڭ كىرىمىممۇ ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپ ئاشتى.» ھەسەن مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل، خوتۇنۇم ئىككىمىز يەنە ئورمان بەلبېغىدا يەرلىك توخۇ ۋە قوي بېقىپ، يەنە بىر ئۈلۈش كۆپ كىرىم قىلدۇق.

«ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇش جەريانىدا، بىز ئورمان رايونىنى باشقۇرۇش - مۇھاپىزەت قىلىشنى ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بىلەن بىرلەشتۈردۇق.» مەكىت ناھىيەلىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يىن خۇڭخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: بازا ئەتراپتىكى 109 دېھقان ئائىلىسىنى ئورمان رايونىنى باشقۇرۇش - مۇھاپىزەت قىلىشقا قوبۇل قىلىپ، 194 دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى، ئېكولوگىيە ئورمىنى ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئورمىنىغا ئايلاندى.

مەكىت ناھىيەسى يەنە ئورمان بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئورمان ئاستى ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جىگدە، شىنجاڭ تېرىكى قاتارلىق ئورمان بەلباغلىرىدا توخۇ، غاز، ھەسەل ھەرىسى بېقىپ، ئورمان ئارقىلىق ئورماننى بېقىش، ئورمان ئارقىلىق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

2020 - يىلى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش مەركىزى دېھقانلارنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئېكولوگىيەلىك توخۇ بېقىپ، يىل ئاخىرىغا بارمايلا سېتىپ تۈگىتىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقانلارنى كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بازىسى قىزىلئاۋات يېزىسىنىڭ كۆچەت تىكىش تەۋەلىك رايونىدا، دېھقان ئابلەھەت تۇرسۇن 3000دىن ئارتۇق غاز باقتى. «غازلارنىڭ ھەممىسىنى ئورمانلىقتا باقىمەن، يىل ئاخىرىدىلا ئۇلارنى ساتالايمەن، مۆلچەرىمچە ھەر بىرىنى 100 يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ» دېدى ئابلەھەت تۇرسۇن ھەممە يەردە يۈگۈرۈپ يۈرگەن چوڭ ئاق غازلارغا قارىغىنىچە تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

كەسىپ ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەندى   قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

غازكۆل يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى ئابلەھەت روزى تېرىغان 20 مو توشقانزەدىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، يەنە ئىككى ئايدىن كېيىنلا ھوسۇل ئالالايدۇ. يېقىندا، ئۇ توشقانزەدىكىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەچچە كۈندە بىر تەكشۈرۈپ تۇردى.

2019 - يىلى، ئابلەھەت روزى سۆكسۆكلۈكتە 20 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ توشقانزەدىكى ئۆستۈردى، 2020 - يىلى ھەر مو يەردىن 100 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىپ، ھەر كىلوگىرامىنى 15 يۈەندىن سېتىپ، جەمئىي 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، خۇشاللىقىنى باسالماي قالدى: «چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، ئىلگىرى ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان قۇملۇق، ھازىر بىزنى بېيىتىدىغان گۆھەر ماكانغا ئايلاندى».

ياخشى ئېكولوگىيە پۇقرالارنىڭ ئالتۇن قاچىسىغا ئايلاندى، ئاسمىنى كۆك، دەرەخلىرى يېشىل مۇھىت تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

2016 - يىلىدىن باشلاپ، مەكىت ناھىيەسى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، 246 مىڭ مو سۆكسۆك ئورمان رايونىغا تايىنىپ، «ئېكولوگىيە + كەسىپ» ئورمان ئاستى ئىگىلىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. 2020 - يىلىغا بارغاندا، سۆكسۆك − توشقانزەدىكى بازىسىدىن 45 مىڭ مو، چۈچۈكبۇيا بازىسىدىن 14 مىڭ مو تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قېزىلىپ، تەخمىنەن 60 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەكىت ناھىيەسى يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كەسىپ بازىسىنى باشقۇرۇش - مۇھاپىزەت قىلىش ۋە توشقانزەدىكى قېزىشقا قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەپ ۋە تەكلىپ قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار 2000دىن ئارتۇق ئاممىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە دېھقانلارنى توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشكە قاتنىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

«بۇ يىل، بازىدا يېڭىدىن 12 مىڭ مو يەردە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈلدى، يەنە 3000 مو يەرگە داۋاملىق توشقانزەدىكى تېرىلىدۇ.» يىن خۇڭخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەكىت ناھىيەسى توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 80 مىڭ موغا يەتكۈزۈش، چۈچۈكبۇيا ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 20 مىڭ مودىن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.