تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زاپاسنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى.

بۇ يىل «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ نېفىتلىكلەر زور غەيرەتكە كېلىپ، چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى قۇدۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى؛ نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىدە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

چارلاش غەلىبە خەۋەرلىرى كەينى - كەينىدىن تارقالدى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 14 مىليون 876 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان؛ ئادەتتىكى قائىدە بويىچە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 19 مىليارد 803 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشقان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ خام نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىنىڭ %15.0ى ۋە %18.9ىنى ئىگىلىگەن.

بۇ يىل، تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم نېفىتلىكى فۇمەن رايونىدا، غەلىبە خەۋەرلىرى كەينى - كەينىدىن تارقالدى. 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى سىرتقا فۇمەن رايونىدا 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر چوڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.

«فۇمەن رايونىدا يېڭى قۇدۇقلارنى بۇرغىلاش ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، 20 نېفىت قۇدۇقىنى سىناق قىلىش باسقۇچ خاراكتېرلىك تاماملاندى، ئۇنىڭ ئىچىدە كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان قۇدۇق 18گە، يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى %90كە يەتتى» دېدى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ياڭ شۆۋېن.

تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت - گاز چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»غا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭغار، تۇرپان - قومۇلدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىقتا نېفىت - گاز چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشمۇ ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى.

بۇ يىل جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى جۇڭغار ئويمانلىقىدا نۇقتىلىق چارلاش رايونىنى چارلاش، ئېچىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، 15 ئورۇننىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نېفىت - گاز چارلاشنى ئالغا سىلجىتتى.

ماخۇ نېفىتلىكى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە بايقالغان 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك قورام تاشلىق نېفىتلىك. بۇ يىل، ماخۇ نېفىتلىكى 2 مىليون 730 مىڭ توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى 6993 توننىغا يەتتى، يىل ئاخىرىغىچە، يىلىغا 3 مىليون توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش مۆلچەرلەندى.

«پىلان بويىچە، ماخۇ نېفىتلىكىنىڭ 2025 - يىلى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون توننىغا يېتىدۇ ھەم ئالتە يىل مۇقىم ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ 50 مىليون توننا نېفىت - گاز ئېكۋىۋالېنتىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشىدۇ. <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز 20 مىليون توننىلىق زامانىۋى نېفىتلىك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلايمىز» دەپ بىلدۈردى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خو جىن.

كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ نېفىت - نېفىت خىمىيە ئەنئەنىۋى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى. تارىم ئېتان يىغىۋېلىش قۇرۇلۇشى، مايتاغ نېفىت خىمىيەسىنىڭ 800 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى، جۇڭتەي خىمىيە سانائىتىنىڭ نېفىت بىلەن كۆمۈرنى بىرلىكتە پىششىقلاش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

كورلا شاڭكۇ يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى نېفىت - نېفىت خىمىيە كەسىپلەر باغچىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئون خىمىيە سانائىتى تۈرىدە ھازىر قىزغىن قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر جۇڭتەي نېفىت خىمىيەسىنىڭ PTA تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مايتاغ نېفىت خىمىيەسىنىڭ 800 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىمۇ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكەندىن كېيىن، باغچە رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى 100 خىلدىن ئاشىدۇ» دېدى كورلا شاڭكۇ يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى نېفىت - نېفىت خىمىيە كەسىپلەر باغچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيەن جى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن 454ى بار. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئاشتى.

«ئاپتونوم رايونىمىز خىمىيە سانائىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاش، كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىش، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى نېفىت - نېفىت خىمىيە ۋە نېفىت رايونى خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جوۋ جىخۇڭ.

يېشىل ئايلانما تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، يېشىل تەرەققىيات سەھىپىسىنى پائال پۈتتى.

كارخانىلارنىڭ يېشىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى نېفىت خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىنى بېكىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، باغچە رايونىنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ، بارلىق نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى جەزمەن خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىغا كىرىدۇ، مۇھىت قوغداش جەزمەن دۆلەتنىڭ تەلىپىگە يېتىشى شەرت.

ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى ئۆز - ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى يېڭى ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسى ئارقىلىق، سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى بىرتەرەپ قىلىپ نېيتراللاشتۇرغاندىن كېيىن، سۇ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستى، بۇ يىل شىركەت نېيترال سۇ ئارقىلىق مەنزىرە بېلىقى بېقىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلدى.

كاربون Ⅳ ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىر يۈرۈش كاربون Ⅳ ئوكسىدنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنى سەپلەپ، نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن كاربون Ⅳ ئوكسىدنى يىغىۋېلىپ، نېفىت قۇدۇقىغا قويۇپ بېرىپ خام نېفىت قېزىشقا تۈرتكە بولدى، بۇ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينىدى. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە بىر يىل بولغان بولۇپ، جەمئىي 23 مىڭ 600 توننا كاربون Ⅳ ئوكسىد ئاز قويۇپ بېرىلدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتىدە پىششىقلانغان خام ماتېرىيال نېفىت 2 مىليون 250 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، سىرتقا قويۇپ بېرىلگەن يۇندىدىن قايتا پايدىلىنىش نىسبىتى يىل بېشىدىكى %37تىن %45.83كە ئۆستى، ھەر توننا نېفىتتىن چىقىرىۋېتىلىدىغان سۇ 0.2 توننىدىن 0.13 توننىغا ئازايدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.