تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياپيېشىل ئوتلاق «يېشىل»لىقى ئارقىلىق خەلقنى بېيىتتى

چاغانتوقاي:

ياپيېشىل ئوتلاق «يېشىل»لىقى ئارقىلىق خەلقنى بېيىتتى

توپ - توپ كالا - قويلار چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئاقچوققا ئوتلىقىدا بەخىرامان ئوتلىماقتا (8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تارتىلغان). كۈزدىكى ئاقچوققا ئوتلىقىنىڭ ئوت - چۆپى مول، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، كالا - قويلار ئوبدان سەمرىگەنىدى. □ ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىل چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ كۈزلۈك ئوتلاق كۆچۈشىدىكى مۇھىم مەزگىل.

«پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى، يامغۇر ئەھۋالى ۋە ئوتلاقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىز بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئوتلاق كۆچىمىز، بۇنداق بولغاندا تەبىئىي ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ» دېدى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئائىلىسىنىڭ قوي پادىسىنى ھەيدەپ ئوتلاق كۆچۈۋاتقان چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ چاغانتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى ئاقتېكچې كەنتىدىكى چارۋىچى قانات بېكباۋسېن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ئوتلاقنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بىلەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئېكولوگىيە ئاساسىنى قوغداش

قۇلىستاي ئوتلىقى، تۇرجالياۋ ئوتلىقى، ئاقچوققا ئوتلىقى ... چاغانتوقاي ناھىيەسىدە ئېسىل تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانلىرى بار بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 7 مىليون 70 مىڭ مو تەبىئىي ئوتلاق بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5 مىليون 370 مىڭ مو ئوتلاقتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىنسانلار پائالىيىتى ۋە سۇ بىلەن ئىسسىقلىقنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئوتلاقتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چېكىنىش كۆرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئېچىش، پايدىلىنىش سەۋىيەسىنىڭ كۈچىيىشى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئوتلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چاغانتوقاي ناھىيەسى تاغنى دائىرىلەپ چارۋا بېقىشنى چەكلەش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قاشالاپ ئوت - چۆپ تېرىش، ئېكولوگىيە يادرولۇق رايونىدىكى چارۋىچىلارنى كۆچۈشكە سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. ھازىرغىچە، 62 مىڭ مو ئوتلاقنى تولۇقلاپ تېرىپ ياخشىلاش تاماملاندى، تولۇقلاپ تېرىلغان ئوتلاققا 71.88 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قاشا ئورنىتىلدى، 85 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئايرىش بەلبېغى بەرپا قىلىندى.

چاغانتوقاي ناھىيەسى يەنە ئوتلاقلاردا چېكەتكە ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئوتلاقلاردىكى ھاشارات، چاشقان ئاپىتىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش سالمىقىنى زورايتتى. نۆۋەتتە، خىش بىلەن قوپۇرۇلغان 11 قۇش چاڭگىسى، 800 كۇب مېتىر كېلىدىغان تاش بىلەن قوپۇرۇلغان قۇش چاڭگىسى، 320 بۈركۈت جازىسى قاتارلىقلار ياسالدى.

«ئوتلاق تەبىئىي يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.» چاغانتوقاي ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «چاغانتوقاي ناھىيەسى بازار ئىجازىتى تۈزۈمىگە ئىزچىل قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدى، كۆز ئالدىمىزدىكى پايدا ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، مۇھىتنى بۇلغاش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز».

ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش

تۈپتۈز، كەڭرى يوللار، ئازادە، يورۇق ئۆيلەر، پاكىز، رەتلىك ھويلىلار... ئاقتېكىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلنار بەيشەننىڭ ئۆيى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى.

دۆلەت يولى 219 - لىنىيەسىگە يېقىن ئاقتېكىچى كەنتىدە جەمئىي 223 ئائىلىلىك 717 چارۋىچى بار. ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناھىيە بازىرىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاستې مەنزىرە رايونىدىكى تۆرجايلاۋ ئوتلىقىدا تۇراتتى، چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئوتلىتىپ چارۋا بېقىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

2012 - يىلى، چاغانتوقاي ناھىيەسى ئاقتېكىچى كەنتىنى باشقا جايغا كۆچۈردى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئاقتېكىچى كەنتى ناھىيە بازىرىغا يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاستې مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يولغا جايلاشقانىدى.

ئالدىدا ھويلا، كەينىدە قوتان بار، كەنت ئاھالىلىرى ئالدى ھويلىدا كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈپ، ئارقا ھويلىدا ئۆي قۇشلىرىنى بېقىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. «بۇ يىل ھويلىمىزغا تېرىغان مېۋە - چېۋە ۋە باققان ئۆي قۇشلىرىنى 6000 يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ساتتىم. ئۆي كۆچكەندىن كېيىن كىرىمىمىز ئاشتى، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى» دېدى گۈلنار.

بۇ كەنت يەنە مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچقانلاردىن ئۈچ ئائىلە، ئائىلە مېھمانخانىسى ئاچقانلاردىن ئون ئائىلە، ساياھەت دۇكىنى ئاچقانلاردىن ئۈچ ئائىلە بار.

«كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئوتلاقلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، قويلىرىمىز يەيدىغان ئوت - چۆپتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق. ھازىر ئوتلاق كۆچۈشنىڭ ھەممىسى ماشىنىلاشتى، بۇنداق بولغاندا <بوغاز قوي>لارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش جەريانىدا تۆل تاشلىشى، بالدۇر تۇللەپ قويۇشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېدى كەنت ئاھالىسى سايلاۋ ناسان.

ئوتلاقتىن «ئالتۇن» ئېلىش چارۋىچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش

«7 مىليون مو تەبىئىي ئوتلاق <تەبىئەت ئاتا قىلغان> ياخشى جاي. كوپىراتىپتىكى قويلار يايلىتىپ بېقىلغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، قايتا سېتىۋېلىش نىسبىتىمۇ يىلدىن - يىلغا ئاشتى» دېدى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى جەنمۇ چارۋا باقمىچىلىق مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ما گۈيفاڭ.

چاغانتوقاي ناھىيەسى جەنمۇ چارۋا باقمىچىلىق مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2012 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 51 كوپىراتىپ ئەزاسى بار. ھەمكارلىق كوپىراتىپى زاكاز شەكلى ئارقىلىق كوپىراتىپ ئەزالىرى ئارىسىدا زىچ مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش پىششىقلاش، بىرتۇتاش ئوراش - قاچىلاش، بىرتۇتاش سېتىشتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، سۈپەتلىك ماركا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۆلەم ئۈنۈمى ھاسىل قىلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يەتتە سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلدى، مەھسۇلاتلىرىنى يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ساتتى.

«ھەر يىللىق سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، بىز چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن باشباي قويى سېتىۋالىمىز، سېتىۋېلىش باھاسى بازار باھاسىدىن يۇقىرى بولۇپ، ھەم ئۇلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدۇق، ھەم ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇردۇق» دېدى ما گۈيفاڭ.

«ھازىر چارۋا بېقىش بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى، ئوت - چۆپلەر يېشىل، قويلار سېمىز، سېتىشتىن غەم قىلمايمىز. بۇلتۇر، ئائىلىمىز 180 تۇياق قوي بېقىپ، 150 تۇياقنى سېتىپ، 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق» دېدى چاغانتوقاي ناھىيەسى جەنمۇ چارۋا باقمىچىلىق مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئاكەش بېك.

«سۈپەتلىك تەبىئىي ئوتلاق ناھىيەمىز چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالدى.» چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ تيەنجۈن مۇنداق دېدى: تەبىئىي ئوتلاققا چارۋىچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا چارۋا بېقىش شەكلى قوشۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چارۋىلارنىڭ نەسلى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، سېتىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك بازار بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، ياخشى باھادا سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار ئېكولوگىيە ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.