تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايوننىڭ 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن مىڭگو ئاپتونوم رايوننىڭ 1-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە تەييارلىق كۆرۈش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى، نەمۇنىلىك رولىنى، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە چىرىكلىشىشنى تۈزەپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ئىنتىزام-ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاش، ساپا-ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەملىكەتلىك 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەلەش، تەكشۈرۈش-تۈزىتىش، خۇلاسىلەش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ ھالقا» خىزمىتىنى ئورگانىك يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەش، كۆپچىلىككە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى يوقىتىش، جاھىل كېسەللىكنى تۈزەش، قەھرىمان-نەمۇنىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت تۈرلۈك ۋەزىپە»نى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشتا ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، سىياسىي تەربىيە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسى ۋە قەھرىمان-نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، بۇرچقا سادىق بولۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۆزى تەكشۈرۈش ۋە ئۆزى تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقنى تۈزىتىش؛ تەشكىللىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىككە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى قەتئىي يوقىتىش؛ جاھىل كېسەللىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالتە چوڭ جاھىل كېسەل»نى چۆرىدەپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، نىشانلىق داۋالاپ، تۈزەش بىلەن قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنى تەڭ تۇتۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دائىملىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيەت داۋامىدا تەكشۈرۈش، ئامما باھالاش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خۇلاسە نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇشنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ۋە ھەرقايسى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا(پارتىيە كومىتېت)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئورنىنىڭ تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشى، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەرتىپكە سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇشىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشتا ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، ئۈنۈمىنى ئامما باھالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش بويىچە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.