ئانار بۇلۇت خەۋىرى (نيەن لېي فوتوسى، خەۋىرى): 8-ئاي كىرىشى بىلەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان باغراش كۆلىگە سانسىز سۇ قۇشلىرى كېلىپ ئوزۇق ئىزدىدى، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، سۇ قۇشلىرى بىلەن بىرىكىپ، «جياڭنەن»دىكى سۇ يۇرتىنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ كېتىشكە كۆزى قىيمايتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار-ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، باغراش كۆلىدىكى ياۋايى قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، قۇشلارنىڭ «تەبىئىي شادلىق باغچىسى»غا ئايلاندى.