قارىغاي جىلغىسى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سار تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 مېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن جىلغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
8-ئايدىكى قارىغاي جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، تاغ باغرىدىكى بۈك-باراقسان ۋە ياپيېشىل قارىغايلار خۇددى قارىغاي دېڭىزىغا ئوخشاپ قالغانىدى، تاغ ئېتىكىدىكى ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل ئۆسكەن بولۇپ، قوي-كالىلار توپ-توپ ئوتلاپ يۈرەتتى. بۇ يەردە تۇرۇپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
ئاپتورلار: مېڭ شياۋچېڭ، جياڭ شۆيۈن
ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى