تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەڭگۈ داتلاشمايدىغان بۇرما مىخ بولايلى

− لېي فېڭ روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن مېڭياڭ، لى جېڭ، گاۋ شۇاڭ

«ئۆگىنەيلى لېي فېڭ ئۈلگىسىنى، ئۇ سادىق ئىنقىلاب، پارتىيەگە ھەم...» «ئۆگىنەيلى لېي فېڭ ئۈلگىسىنى» ناملىق ناخشا جۇڭگو زېمىنىدا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئېيتىلدى. بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى يادرو قىلغان لېي فېڭ روھى جۇڭگولۇقلارنىڭ قان - قېنىغا سىڭىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ قەدىرلىشىگە، ئىزىنى بېسىپ مېڭىشىغا سازاۋەر بولدى.

2018 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ فۇشۈن شەھىرىدىكى لېي فېڭ خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، لېي فېڭنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ: لېي فېڭ دەۋر ئۈلگىسى، لېي فېڭ روھى مەڭگۈلۈك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ھەم لېي فېڭنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، ھەم لېي فېڭنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۆگىنىپ، يۈكسەك غايە - ئېتىقاد ۋە ئەخلاق - پەزىلەت ئىنتىلىشىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاددىي خىزمەت، تۇرمۇشتا نامايان قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، لېي فېڭ روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش

جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشۈن شەھىرىدىكى لېي فېڭ خاتىرە سارىيىدا، لېي فېڭ ھايات ۋاقتىدا قىسىمدا ھەيدىگەن 13 - نومۇرلۇق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىگە قويۇلغان. شوپۇر ئورنىغا لېي فېڭنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان بولۇپ، قولىدا «ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى» بار ئىدى.

لېي فېڭ خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى رېن گۇاڭيوۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: «لېي فېڭ ھايات ۋاقتىدا دائىم ئاپتوموبىلدا <ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى>نى ئۆگىنەتتى، ئۇ <ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى>نى ئاشلىق، قورال ۋە رولغا ئوخشىتاتتى، يەنە كۈندىلىك خاتىرىسىگە: ئادەم تاماق يېمىسە بولمايدۇ، ئۇرۇش قىلغاندا قورال بولمىسا بولمايدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە رول بولمىسا بولمايدۇ، ئىنقىلاب قىلغاندا ماۋ جۇشى ئەسەرلىرىنى ئۆگەنمىسە بولمايدۇ» دەپ يازغانىدى.

لېي فېڭ روھىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاد، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، كەسىپنى قەدىرلەش روھى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيۈشتەك يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادتىن ئىبارەت. لېي فېڭ ھايات ۋاقتىدا كۈندىلىك خاتىرىسىگە: «مېنىڭ بىر ئىنتىلىشىم بار − مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنىمەن، سوتسىيالىزمغا تەلپۈنىمەن، كوممۇنىزمغا تەلپۈنىمەن» دەپ يازغانىدى. يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە بولغاچقا، لېي فېڭ ئاددىي خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بارلىقىنى ئۆكۈنمەي بېغىشلىدى.

1961 - يىلىدىن باشلاپ، لېي فېڭ دائىم تەكلىپ بويىچە باشقا جايلارغا بېرىپ دوكلات بەردى، كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتى كۆپەيدى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇرسىتىمۇ كۆپەيدى، ئۇ «لېي فېڭنىڭ كاماندىروپكىغا چىققاندىكى مىڭ چاقىرىملىق سەپىرىدە قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن ماختاشقا ئېرىشتى. بىر قېتىم لېي فېڭ شېنياڭ ۋوگزالىدا پويىز ئالماشقاندا، ئۆزىنىڭ ياردەم پۇلىغا پويىز بېلىتى ۋە پۇلىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايالغا جىلىنغا بارىدىغان پويىز بېلىتى ئېلىپ بەرگەن. بۇ ئايال كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: «ئۇكام، ئىسمىڭىز نېمە، قايسى ئىدارىدىن؟» دەپ سورىغان، لېي فېڭ: «مېنىڭ ئىسمىم ئازادلىق ئارمىيە، جۇڭگودا تۇرىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«ئادەمنىڭ ھاياتى چەكلىك بولىدۇ، بىراق خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، مەن چەكلىك ھاياتىمنى چەكسىز بولغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بېغىشلايمەن». جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش لېي فېڭنىڭ 22 يىللىق قىسقىغىنا ھاياتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

لېي فېڭ قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، مەخسۇس بىر كەسىپكە بېرىلىپ، شۇ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەربىر خىزمەتكە كىرىشىپ، يۈكسەك بولغان كەسىپنى قەدىرلەش روھى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىدى؛ خۇددى بۇرما مىخقا ئوخشاش، قەيەرگە قېقىلسا، شۇ يەردە چاقناپ تۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

لېي فېڭ روھى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا 5000 يىللىق مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن قىزىل ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.

شەرقىي شىمال داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى تيەن پېڭيىڭ مۇنداق دېدى: لېي فېڭ روھى مەڭگۈلۈك. ئۇ كىشىلەرنى يۈكسەك غايە ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، كىشىلەرنى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

بىر ئىسىمدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەخلاق بەلگىسىگىچە

1963 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭنىڭ «يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دېگەن بېغىشلىمىسى ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى كەسىپلەردە لېي فېڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش دولقۇنى تېز كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى قىلىندى؛ لېي فېڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى، لېي فېڭنىڭ ئىش ئىزلىرى، لېي فېڭنىڭ ئوبرازى بىرنەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى.

نۆۋەتتە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىلا لېي فېڭ باش تېما قىلىنغان خاتىرە مەيدانى - سارىيىدىن يەتتىسى بار، لېي فېڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان زور بىر تۈركۈم مەكتەپ، سېخ، ئىسمېنا - گۇرۇپپا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئاممىۋى مۇلازىمەت كۆزنىكى قاتارلىقلار بار، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىدىن 2000دىن ئارتۇق كىشى، رويخەتكە ئالدۇرغان پىدائىيدىن 6 مىليون 410 مىڭ كىشى بار.

«لېي فېڭ» ئاللىقاچان بىر تىپىك شەخستىن بىر خىل جەمئىيەت مەدەنىيىتىگە ئايلاندى، بىر ياش جەڭچىنىڭ ئىسمىدىن، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ ئەخلاق بەلگىسىگە ئايلاندى. لېي فېڭ روھىنىڭ كۈچلۈك چاقىرىقىدا، دەۋر يېڭى ئۈلگىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە.

خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى يۈخۇا رايونى جيەننەن مەھەللىسىدىكى يېشى 80دىن ئاشقان جىن گوفاڭ «لېي فېڭ موما» دەپ ئاتالدى. 1992 - يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، جىن گوفاڭ مەھەللە ئاھالىلىرى ئۈچۈن پىدائىي بولۇپ 28 يىل مۇلازىمەت قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، ئولتۇراق رايونغا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ماسلاشتۇرۇپ پىلانلاشتىن سىياسەت، قانۇن تەشۋىقاتى، مۇھىت تازىلىقى، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق 11 مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇشقىچە جىن گوفاڭنىڭ «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى» شىجياجۇاڭدىكى يارقىن بولغان شەھەر سۈپەتلىك ماركىسىغا ئايلاندى.

لېي فېڭ ئەينى يىلى ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتىدىن ھەربىي سەپكە قاتناشقان. 1977 - يىلى 1 - ئايدا، ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتىدىن يەنە بىر ياش ھەربىي سەپكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى گو مىڭيى ئىدى. 2010 - يىلىدىن بۇيان، «گو مىڭيىغا ئەگىشىپ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش» شۇ جايدىكى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى يېڭى ۋاسىتىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە 1000دىن ئارتۇق تارماق ئەترىتى، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار. 2014 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى»گە جاۋاب خەت قايتۇرغاندا مۇنداق يازغان: لېي فېڭ روھىنى ھەممە كىشى ئۆگىنىشى كېرەك؛ مېھىر - شەپقەت بېغىشلاش ھەممە يەردە قەدىرلىنىشى كېرەك. ياخشى ئىش قىلىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلغاندا، كىچىك ياخشى ئىشتىن چوڭ ياخشى ئىش ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ بەك ياخشى ئىش بولمىسا كېرەك. باشقىلار ياردەمگە موھتاج بولغاندا، كۆپچىلىك ياردەم قولىنى سۇنۇپ، كۈچ چىقارغاندىلا، جەمئىيەت ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى كىشىلەر يېقىملىق قىلىپ لېي فېڭ، دەپ ئاتىشىدۇ؛ جەمئىيەت كەيپىياتىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، كىشىلەر لېي فېڭنى چاقىرىدۇ... لېي فېڭ روھى خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ ھاياتلىق قىممىتى، ئەخلاق - پەزىلىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەمگە ئايلاندى؛ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لېي فېڭ روھى باشتىن - ئاخىر مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان بىر بايراق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ كەلدى.

روھ مەڭگۈلۈك بولىدۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ

فۇشۈن لېي فېڭ شۆيۈەنى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر شياۋ يۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لېي فېڭ خاتىرە سارىيىدا لېي فېڭنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى لېي فېڭ روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، «لېي فېڭ روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش»نىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. «لېي فېڭ روھى» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كوممۇنىزم شانلىق ئىدىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن دەۋر روھى بولۇش سۈپىتىدە ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر يېڭى ئۈلگىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىگە ئېھتىياجلىق، جەزمەن لېي فېڭ روھىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

يېڭى دەۋردە لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لېي فېڭ روھى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مىزان قىلىپ، كىشىلەرنى خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاڭلىق ھالدا جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا قىممىتىنى نامايان قىلىش، تۆھپە قوشۇش كېرەك. 2019 - يىلى، لياۋنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش مەدەنىيەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، لېي فېڭ شۆيۈەنىنى قۇرۇپ، ئۇنى مەملىكەت بويىچە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى ئەمەلىيەت بازىسى قىلدى. لېي فېڭ شۆيۈەنى قۇرۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 600 نەچچە كۇرس قېتىم، 40 مىڭدىن ئارتۇق كۇرسانتنى تەربىيەلىدى.

يېڭى دەۋردە لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەممە كىشى لېي فېڭدىن ئۆگىنىدىغان، ھەممە كىشى لېي فېڭ بولىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش داۋامىدا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، مېھىر - شەپقەت بېغىشلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا يېڭى ئىستىل تىكلەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەقىقىي نامى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغان پىدائىي 160 مىليوندىن ئاشقان، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيگەن.

يېڭى دەۋردە لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، دەۋرگە زىچ يېقىنلىشىپ، لېي فېڭ روھىنىڭ چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى ھەربىر قېتىملىق زور بۆسۈش، ھەربىر قېتىملىق زور سىناقتا، ئاڭلىق ھالدا لېي فېڭ روھىنى بايراق قىلىپ ئىرادىنى ئۇرغۇتۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.